ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان مەبلەغ سېلىش، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاسىموف بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月18日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان مەبلەغ سېلىش، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قاسىموف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ئارىسىدىكى سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، قاسىموف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىكلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بۇ ئاساسلىقى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدىن بولدى. جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى، كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. ھازىر جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەر پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ نەپ ئېلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات جەھەتتىكى ئالاقە ۋە ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودىنى كېڭەيتىش، سېلىنمىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتنى چۆرىدەپ يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا تولۇقلاش خاراكتېرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ساياھەت، مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قاسىموف جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن يېڭى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىر - بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بېرىش - كېلىشى، ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن ھەمكارلىق تۈرلىرى تېز ئۇدۇللىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالدى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ دوستانە مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزبېكىستان پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ياخشى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئۆزبېكىستان قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتى، سېلىنما، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.