يېڭى دەۋردە تاغنى يۆتكەشكە ئىرادە باغلىغان ياخشى «يۈگۇڭ» بولۇش

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن

خې چياڭ ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش يۇرتى گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈپ باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى ساھە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى. يېقىندا، ئۇ 1 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى.

«بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەن پەقەتلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر بۇرما مىخ.» 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئالدىراش خىزمەت نەق مەيدانىدا، بۇ شەرەپ تىلغا ئېلىنغاندا، خې چياڭ كەمتەرلىك بىلەن شۇنداق دېدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق پۈتۈن زەنجىرلىك ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى بۇلتۇر ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تۇنجى قېتىم تەبىئىي ئاپەت ئۇنىۋېرسال خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇرەككەپلىكى ھەممىگە ئايان بولۇپ، ھەربىر قاتناشقۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى ئالىدىغان رولى بار. خې چياڭ گېئولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، سۈپەت تەكشۈرۈش، دوكلات تۈزۈش ھەم يىغىپ تاپشۇرۇش پۈتۈن جەريانلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتناشتى.

ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. قانداق قىلغاندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 100دىن ئارتۇق ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىر تور قىلىپ ئۇلاپ، بىر تاختا شاھمات قىلىپ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇ، خې چياڭنىڭ ئالدىنى توسۇۋالغان بىر چوڭ تاغ بولۇپ قالدى.

خې چياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يۈگۇڭغا ئوخشاش تاغنى يۆتكەش غەيرىتى بىلەن «تەبىئىي توسۇق»نى داغدام يولغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۈچ ناھىيە ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە، ئۇلار ئاۋۋال ئالاقىدار تېخنىك خادىملارنى ۋىيشىن توپى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن قايتا - قايتا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇدۇللىشىپ، ھەر ۋاقىت توردا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، «بىر ئۆلكىدىكى بىر ناھىيە»دە ۋە «بىر ئۆلكىدىكى بىر شەھەر»دە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى نۇقتىدا سىناق قىلىپ توپلىغان تەجرىبىلەرگە ئاساسەن، خې چياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى كەسكىن ھەم جاسارەتلىك ھالدا ئىش بېجىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللىشى ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى ۋە 20 تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن، 110 تۈر گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار تور ۋە تور سىرتى شەكلىنى قوللىنىپ تەربىيەلەش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.

«پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىلا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارسا كۇپايە قىلمايدۇ، مۇتەخەسسىسلەرنىمۇ قاتناشتۇرۇشىمىز كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن، خې چياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 18 قېتىم دۆلەت ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، خەۋپ - خەتەرنى تەكشۈرۈپ باھالاش تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈش مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەر ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، تېخنىكا ئۆلچىمى، دالىدا تەكشۈرۈش، دوكلات تۈزۈش قاتارلىق ھەرقايسى تەرتىپ، ھالقىلار بويىچە، 2472 ئادەم قېتىم تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

خې چياڭ تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش يۇرتى بۇ قېتىمقى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى تېخنىكىلىق تىرەك ئورۇنلارنىڭ بىرى. تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خې چياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن تېخنىكا دوكلاتى ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى تەشكىللىدى ھەم كوللېكتىپ ئەزالىرىغا قارىتا ئالاقىدار تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى.

ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىش جەريانىدا، خې چياڭ مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى، دەل جايىدا كۈچىدى. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تاغ ئارىسىدا ئىككى ئويمانلىق» بولۇشتەك رايون ئالاھىدىلىكى ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ شەكىللىنىش، تارقىلىش پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، شىنجاڭدىكى قۇملۇق، قارلىق تاغ قاتارلىق رايونلاردا ئادەم شالاڭ بولۇش، تۈزلەڭلىك رايونلاردا گېئولوگىيەلىك ئاپەت شەكىللەنمەيدىغان، ئاسان يۈزبەرمەيدىغان رايون كۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە بىرلەشتۈرۈپ، ئاسان يۈزبەرمەيدىغان رايونلار كېيىنكى مەزگىلدىكى خەۋپ - خەتەرنى باھالاشقا قاتناشماسلىق پىكىر يولىنى ئورتاق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بايقاش ۋە تەتقىقاتلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھېسابلاشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە باھالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كېڭەيتىلدى.

«كۈرەش قىلىش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەربىر كىشى <يۈگۇڭ> روھىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.» خې چياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، جاپاغا چىدايدىغان قىياپەت بىلەن، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن، تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.