خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

− 8 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئەسقەر ھەسەن توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن

«بىنادىن پەسكە چۈشۈڭلار! بىنادىن تېز پەسكە چۈشۈڭلار!» 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى سائەت 22دىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، باي ناھىيەسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىدى، ياتاق چىرىغىنىڭ چايقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەسقەر ھەسەن يەر تەۋرىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى ھەم كارىدورنى بويلاپ ئىشىكلەرنى بىر - بىرلەپ چېكىپ، 3 - قەۋەتتىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى چاقىرىپ بىنادىن پەسكە چۈشۈردى.

ئەسقەر جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىكى يېڭىمەھەللە نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەينەن سەنيادا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغاچقا، 8 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى.

يېڭىمەھەللە نېفىت - تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونى توقسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، باي ناھىيەسى بىلەن ئارىلىقى يېقىن. باي ناھىيەسىدە يەر تەۋرىگەندە، توقسۇ ناھىيەسىدە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولدى. «كۆپچىلىكنى چاقىرىپ بىنادىن پەسكە چۈشۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، يارىلانغانلارنىڭ بار - يوقلۇقىغا قاراش، ئىككىنچىدىن، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئۈسكۈنە - ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېدى ئەسقەر. ئارقىدىن كۆپچىلىك ئۆز ئىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھۈنەر - سەنئەت پارامېتىرىنى تەكشۈردى. ئەسقەر مەركىزىي كونترول ئۆيىگە ئېتىلىپ كىرىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يېقىلغۇ گاز تۇرۇبا تورى پارامېتىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، كۆڭلى تىنجىپ خاتىرجەم بولدى.

خەتەرلىك پەيتلەردە، ئەسقەر ھەمىشە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

2023 - يىلى باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئەسقەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ خەينەن سەنياغا ساياھەتكە بارغاندا، بىر بالىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەڭ بالدۇر ئېتىلىپ بېرىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىنى جىددىي قۇتقۇزدى.

شۇ كۈنى ئەسقەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بىر ئاشخانىغا تاماق يېگىلى باردى. ئەمدىلا تاماق بۇيرۇتۇپ بولۇشىغا، تۇيۇقسىز ئىشىك سىرتىدىن قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ دەرھال يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئاشخانا يېنىدىكى ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بويىدا كىشىلەرنىڭ چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بىر قىزچاقنى سۈزۈۋالغانلىقىنى كۆردى. دەرمانسىزلىنىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالغان بالىنىڭ ئانىسى: «بالامنى تېز قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ ياردەم سورىدى.

ئەسقەر دەرھال بېرىپ، بالىنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى بايقىدى. «ئەينى چاغدا بالىنىڭ تومۇر سوقۇشىنى بىلگىلى بولمايتتى، بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭمۇ سوقۇشىنى بىلگىلى بولمايتتى» دېدى ئەسقەر ئەسلەپ.

ئادەمنى قۇتقۇزۇش مۇھىم! ئەسقەر دەرھال يەرگە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئىدارىنىڭ ئادەتتە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىدا ئۆگەنگەن جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىنى سۈنئىي نەپەسلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە نەق مەيداندىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسپىي ئۇسۇل بويىچە يۈرەك - ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلىدى.

ئىككىيلەن ماسلىشىپ قۇتقۇزدى، لېكىن بەش مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، بالا ھوشىغا كەلمىدى؛ ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى، بالا يەنىلا ھوشىغا كەلمىدى...

بۇ چاغدا، كىشىلەر توپى ئارىسىدىن «قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىدى» دەپ خۇرسىنغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ھەتتا ئامانلىق قوغدىغىچىمۇ ۋاز كەچتى.

لېكىن ئەسقەر بەل قويۇۋەتمىدى، گەرچە تىزلىنىپ تىزىنىڭ تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا جىددىي قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇردى، ئامانلىق قوغدىغۇچىمۇ ئۇنىڭ قەتئىي بوشاشماس روھىدىن تەسىرلىنىپ، يەنە داۋاملىق زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يۈرەك - ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى.

20 مىنۇتقا يېقىن تىرىشىش نەتىجىسىدە، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشى ئاخىر ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلدى.

ئەسقەر ئۆزىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىنى تىزلىنىپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇش جەريانىنى ئەتراپتا چۆرىدەپ تۇرغان ئاممىنىڭ سىنغا ئېلىپ تورغا تارقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ناھايىتى تېزلا، تاراتقۇلار ئەسقەرنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خەۋەر قىلدى.

ئەسقەر مۇنداق دېدى: «بىر تىرىك جان ئالدىدا، مېنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرالىشىم مۇمكىن ئەمەس».

ئەسقەر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسى ئۇنىڭغا باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش توغرىسىدا تەربىيە بەرگەن. ئەسقەرنىڭ ھېكايىسىنى چوڭقۇر قېزىش ئارقىلىق، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يەنە، نېفىتلىكتە خىزمەت قىلغىلى 30 يىلغا يېقىن بولغان ئەسقەرنىڭ ئىزچىل تۈردە خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «ھايات لېي فېڭ» ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

2022 - يىلى يازدا، ئەسقەر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ مەشغۇلات رايونىدىن باشقۇرۇش رايونىغا كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە، بىر ئاپتوموبىلنىڭ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ خەتەرگە قارىماي، دەرھال تاغ جىلغىسىغا كىرىپ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.

ئەسقەرنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، قىزى 16 ياش، ئوغلى توققۇز ياش. پەرزەنتلىرىنىڭ نەزەرىدە دادىسى «چوڭ قەھرىمان»، كىشىلىك ھايات يولىدا، ئۇلارمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا ۋارىسلىق قىلىدۇ.