ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلىگەن شىنجاڭلىق تاغا

日期:2024年04月18日
来源:天山网
【字体:

پېنسىيەگە چىقىپ «خېڭديەندە ئىشلىگۈچى» بولۇپ، قىسقا فىلىمدە رول ئېلىش

ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلىگەن شىنجاڭلىق تاغا

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

«مەن گۈل ئۆستۈرۈش، بېلىق تۇتۇش، ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن، مەن كۈچلۈك چىراغ نۇرى ئاستىدا تۇرۇپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىشنى ئويلايمەن، شۇڭا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن خېڭديەنگە كېلىپ ئارتىس بولدۇم.» 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خېڭديەن كىنو - تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى ئارتىسلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان تەربىيەلەش كۇرسىدىكى ئۆگىنىش ئارىلىقىدا، مۇخبىر يېقىندا توردا قىزىق نۇقتىغا چىققان شىنجاڭدىن پېنسىيەگە چىقىپ «خېڭديەندە ئىشلەۋاتقان» ليۇ لىن تاغىنى زىيارەت قىلدى.

تۆت يىل ئىلگىرى، ليۇ لىن خېڭديەنگە كەلگەن، لېكىن ئارىلىقتا يۇقۇم، ئائىلە ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، بۇلتۇر يىل بېشىدا ئاندىن «خېڭديەندە ئىشلىگۈچى»لەر قوشۇنىغا رەسمىي قوشۇلغان. «ئالاھىدە ياردەمچى» «مىڭۋاڭنىڭ قايتىپ كېلىشى» «لۇ باش دىرېكتور، خانىم سىزنى تەنقىدلىدى»... ئۇ رول ئالغان ئون نەچچە ئەسەرنىڭ كۆپىنچىسى مىكرو قىسقا فىلىم. «مەنمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن، مىكرو قىسقا فىلىم قىزغىن دولقۇنىغا ئۈلگۈردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ بۇ يېشىمدىكى ئارتىسلار كۆپ ئەمەس، شۇڭا مەن ئالىدىغان رول ئىنتايىن كۆپ».

ليۇ لىننىڭ تۇنجى قېتىم رول ئېلىشى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بولغان ئەمەس. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاقسۇدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، بىر فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى شۇ جايدا كۆرۈنۈش تاللاپ سۈرەتكە ئالغان، دوستى ئۇنى بىر دادىنىڭ رولىنى ئېلىشقا تەۋسىيە قىلغان، «ئەينى چاغدا يەنە بىرنەچچە قىسىمدا رول ئېلىشقا قاتناشتىم، شۇ چاغدىن باشلاپ، مەن ئارتىس بولۇشقا ئىنتىلگەنىدىم».

ليۇ لىن خىزمەت قىلغان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدا ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچى ئىدى. ئەمدىلا پېنسىيەگە چىققان ۋاقتىدا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى ئىزدەپ ساز چېلىشنى ئۆگەندى، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى. قىزى ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جېجياڭ جىنخۇاغا بېرىپ خىزمەت قىلدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن بېرىپ قىزىغا ھەمراھ بولدى. خېڭديەنگە ئوينىغىلى بارغان بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ چىنۋاڭ ئوردىسىدا كىنو ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خېڭديەندىكى ئارتىسلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، «كىشىلەرگە ساز چېلىشنى ئۆگىتىشنىڭ فىلىمدە رول ئالغاندەك قىزىقارلىق ئەمەس» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، سىناپ باقماقچى بولدى.

مۇشۇ سىنىغانچە توختىيالمىدى. خوتۇنى ۋە قىزى ئۇنى ناھايىتى قوللىدى، «سەھنە سۆزىنى يادلاش، فىلىمدە رول ئېلىش، رول ئېلىشنى ئۆگىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي، جىسمانىي كۈچنى چېنىقتۇرىدۇ، مەن بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپتىم» دېدى ليۇ لىن.

خېڭديەندە رول ئالغاندىن باشقا، ليۇ لىن يەنە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ جىنخۇا، لىشۈي، خاڭجوۋ، نىڭبو قاتارلىق جايلارغا باردى. بەزىدە ئۆيگە ناھايىتى كەچ قايتاتتى، ئەتىسى يەنە ئالدىراپ - تېنەپ يەنە بىر فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا باراتتى. «ھارغىنلىق ھېس قىلمىدىم، كېچىچە تۈنىسەممۇ بەرداشلىق بېرەلەيمەن، ئەگەر بىرەر ھەپتە ئالىدىغان رول چىقماي قالسا، پۈتۈن بەدىنىم بىئارام بولىدۇ».

رول ئالغان قىسقا فىلىملەر كۆپەيگەنسېرى، ليۇ لىن ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە تولۇقلىشى كېرەكلىكىنى شۇنچە ھېس قىلدى، «ئارتىسلارنىڭ يېشى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى رول ئېلىش ماھارىتى»، شۇڭا كەسىپكە كىرىشكەندىن باشلاپ، ئۇ رول ئېلىش ماھارىتى بويىچە نۇرغۇن تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتى، بۇنىڭغا خېلى كۆپ خىراجەت كەتتى، ھەتتا فىلىم ئىشلەش ھەققىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئەرزىيدۇ، دەپ ھېس قىلدى.

2020 - يىلى 4 - ئايدا خېڭديەنگە كەلگەندە، ليۇ لىن يېرىم يىللىق ئاساسىي دەرس كۇرسىغا قاتناشتى، «ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن ئاندىن كەيپىياتنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلدىم، شۇڭا تۇرمۇشتا، مەن ئادەملەرنىڭ غەزەپلەنگەندە، خۇشال بولغاندا ياكى كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولغاندا بەدىنىنىڭ قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل كۆزىتىمەن، كۆپرەك كۆزىتىپ، كۆپرەك پىكىر يۈرگۈزگەندىلا ئاندىن رولنى ياخشى ئالغىلى بولىدۇ».

بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ليۇ لىن بىر ئارتىس تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى ھەم ئىمتىھان بېرىپ تەكلىپلىك ئارتىس سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئۇ يېقىندا قاتنىشىۋاتقان يەنە بىر تەربىيەلەش دەرسى 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدۇ. ئۆگىنىش ئارقىلىق، ليۇ لىن ھازىر يېڭى ئارتىسلار بىلەن بىللە سىناق قىلىپ رول ئالغاندا، ئۆزىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا خېلى كەسپىيلەشكەنلىكىنى، ئەمما كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن بىللە رول ئالغاندا يەنىلا پەرق بارلىقىنى بايقىدى. «ئۆگىنىشنىڭ چېكى يوق. گەرچە دەرس ئوقۇشۇم نۇرغۇن قېتىملىق رول ئېلىشىمغا تەسىر يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۆگىنىش ناھايىتى زۆرۈر، مېنىڭمۇ ئۆزۈمنى يۈكسەلدۈرگۈم بار» دېدى ليۇ لىن كەمتەرلىك بىلەن.

قىسقا فىلىمدە، ليۇ لىن ئاساسلىقى دادا، مەكتەپ مۇدىرى، باش مۇدىر ۋە قوغدىغۇچى قاتارلىق روللارنى ئالدى. ئۇ ئەڭ رازى بولغان بىر فىلىم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رولىنى ئالغان «ياشلىق باھارىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى» ئىدى، «گەرچە كۆرۈنۈشۈم كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ناھايىتى مۇھىم رول، رولنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېتىراپ قىلدى».

بىر قىسىم رولغا چىقىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ليۇ لىن ئۆزىگە ئارتىسلىق ماتېرىيالى ئىشلىدى. ھەر قېتىم باشقىلار ئۇنى رول ئېلىش ئۈچۈن ئىزدىگەندە، ئۇ ماتېرىيالىنى ئەۋەتىپ، رېژىسسورنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بەلگىلىك چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، «ئالغان رول قانچە كۆپ بولسا، ئاندىن رېژىسسورنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ».

«مەن <1 - نومۇرلۇق ئەر ئارتىسنىڭ دادىسى>غا ئوخشاش روللارنى ئېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، رول ئېلىش ۋاقتى ئۇزاق، كۆرۈنۈش كۆپ. ياشلار بىلەن بىللە بولغاندا، ئۇلار مېنى <ئاكا> دەپ چاقىرىدۇ، ئۆزۈمنى خېلى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.» ليۇ لىن مۇنداق دېدى: مەن دۆلەتنىڭ مىكرو قىسقا فىلىم كەسپىنى باشقۇرۇشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، «ئىجادىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش»قا ناھايىتى قىزىقىمەن، مىكرو قىسقا فىلىمنىڭ ئاساسلىق كۆرۈرمەنلەر توپى يەنىلا ياشلار، شۇڭا مەن قوشۇمچە كۈچ قوشۇشنى خالايمەن، ھەربىر كىچىك رولنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ليۇ لىننىڭ پېنسىيەگە چىقىپ «خېڭديەندە ئىشلىگۈچى» بولغانلىقى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، توردا قىزىق نۇقتىغا چىقتى، گۇمانلىنىش ئاۋازلىرىمۇ ئەگىشىپ كەلدى. «مېنىڭ پېنسىيە پۇلۇم بار، رول ئېلىش تىرىكچىلىك ۋاسىتەم ئەمەس، چولپان بولۇشتىنمۇ ئۈمىد كۈتمىدىم، مەن پەقەت كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان پېنسىيە تۇرمۇشىنى تاللىدىم. بۇنداق تۇرمۇش ئىنتايىن مەزمۇنلۇق، مەن بەك ياخشى كۆرىمەن» دېدى ليۇ لىن.