ئاپتوموبىلىڭىزنى يۇيۇشقا ئالدىرىماڭ! ئۈرۈمچىدە چارشەنبە كۈنى يامغۇر ياغىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

يېڭى بىر ھەپتىدە، ئۈرۈمچىدە يەنىلا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ يەنە يامغۇرمۇ ياغىدۇ، دوستلار ئاپتوموبىلىڭلارنى يۇيۇشقا ئالدىرىماڭلار!يېڭىبىرسوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، تېمپېراتۇرىمۇ بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم تۆۋەنلەيدۇ.


ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات.

سۈرەت \ مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 18-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا كۆپ مىقداردا ياغىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا 4 بالدىن 5 بالغىچەغەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلىچىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، 5 بالدىن 6 بالغىچە غەرب شامىلىچىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردەتېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتتا ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەردە ئاساسەن ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا جۈمە كۈنىدىن باشلاپ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ 20 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ، ئىللىق باھار ئاپتىپى ھەپتە ئاخىرى كۆپچىلىكنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن.


بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات.

ئالقاندىكى ئۈرۈمچى(掌上乌鲁木齐)دىن كېسىۋېلىنغان سۈرەت

  ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ ھەپتە ئىچىدىكى ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايىنىڭ كۆرۈلۈشجەريانى بىرقەدەر روشەن بولىدۇ، قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن كۆرۈلۈشى، ئاسان ھۆلچىلىك بولىدىغان رايونلاردا يامغۇر سۈيىنىڭقىسقا ۋاقىتلىقيىغىلىپ قېلىشى ياكى يامغۇر سۈيىدىن كىچىك ئېقىنلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تاغ كەلكۈنى ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ يول قاتنىشى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە تاغلىق رايون ساياھىتى قاتارلىقلارغا بىرقەدەر روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى