شىنجاڭ بۇ يىل 2 مىليون تۇياق تاۋار گۆش قويىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرما بويۈ) 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش قويى نەسلىنى ياخشىلاش نەق مەيدان تەربىيەلەش يىغىنى ئاقچى ناھىيەسىدە ئاخىرلاشتى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىلى شىنجاڭ 2 مىليون تۇياق تاۋار گۆش قويى شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قوي كەسپىنىڭ مىقدارىنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش يىغىنىغا پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەرلەردىكى چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارماقلىرى، تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر، كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان 90دىن ئارتۇق ۋەكىل ئاقچى ناھىيەسى قاراچى يېزىسى بۇلۇڭ كەنتىدىكى ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسى، سومتاش يېزىسىدىكى گۆش قويىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۈلگە ئائىلىسى، قۇلانساراق يېزىسىدىكى سۈنئىي يەم- خەشەك بازىسى ھەم قىرغىز قويى يادرولۇق توپى بېقىش بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۆگەندى.


ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قاراچى يېزىسى بۇلۇڭ كەنتىدىكى ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، ۋەكىللەر نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈردى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ فوتوسى

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جېڭ ۋېنشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024- يىلى، ئاپتونوم رايون ئەلا سۈپەتلىك چارۋا، ئۆي قۇش مەھسۇلاتلىرى كەسىپلەر توپى ھەرىكەت لايىھەسىنى چۆرىدەپ، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قوللىنىشچان تېخنىكىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلايدۇ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنىڭ كۈچىنى تەڭشەپ، ئۇرۇقچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش ۋە نەسىللەندۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى گۆش قويىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، قوي بېقىش چوڭ ئائىلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق قوللايدۇ. ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قېلىپىنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىش جەھەتتە، تولۇقلىما ئورنىغا مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق 37 چارۋىچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيەسى ئىچىدىكى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىر قەدەر ياخشى قانات يايدۇرغان 10 ناھىيەنى مۇكاپاتلايدۇ.