ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، مۇھاكىمە كۇرسى ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭغا مۇھاكىمە قىلىش ـ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولۇپ بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقى شىنجاڭغا قارىتا چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نەچچە كۈندىن بۇيان، كۆپچىلىك شىنجاڭدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. دەل كۆپچىلىك كۆرگەندەك، جۇڭگو شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن كەلگەن. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى تولۇق ئەمەلدە كۆرسەتتى. بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق. بىز جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ دەخلى ـ تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، بۇ، ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق. ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ ـ ئىناق بولۇپ، ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، شىنجاڭ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا چوڭ ـ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان شىنجاڭ، بىزنىڭ دەرۋازىمىز بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، ئادىل، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرىدىغان بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەر جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولسا بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا يەنە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىۋېتسىيە، قازاقىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، مالدىۋې، پاكىستان، بەھرەين، شىۋېيتسارىيە، سىرى لانكا، تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 15 نەپەر تاراتقۇ زاتى، يازغۇچى ۋە ئالىم سۆز قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە ـ زىيارەتتە بولغاندا ۋە پىكىر ئالماشتۇرغاندا ھەقىقىي كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە بولغان بىۋاسىتە تەسىراتىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: قىسمەن غەرب تاراتقۇلىرى ئىزچىل پاكىتنى بۇرمىلاش ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭغا قارا چاپلاپ كەلدى، بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى كۆردۇق، بۇ، تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپلا قالماي، ئاشۇ غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى. شىنجاڭدا ئىقتىساد گۈللىنىپتۇ، ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل ئىكەن، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ياشاۋېتىپتۇ، كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ، خەلقنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن، بۇ، پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلاشقا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب. جۇڭگو شىنجاڭ تېررورىزم، ئەسەبىزم، بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، كىلىمات خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن. تاراتقۇ زاتلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تاراتقۇ مەسئۇللىرى مۇھاكىمە كۇرسى 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 21 دۆلەتتىن كەلگەن 26 نەپەر تاراتقۇ زاتى كۇرسقا قاتناشتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، بايىنغولىن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىگە بېرىپ، مول ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت، مۇھاكىمە، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار خادىملار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.