بۇ يىل شىنجاڭدىكى ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 4000 قېتىمدىن ئاشتى

日期:2024年04月16日
来源:天山网
【字体:

قورغاس، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى خەۋىرىئىختىيارىي مۇخبىرلارلى مىڭ، ۋۇ جىخېڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى سائەت 16دە، ئاپتوموبىل، ماشىنا ـ ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، كىيىم ـ كېچەك لىق قاچىلانغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، پولشادىكى مالاشېۋىچقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل قورغاس، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 4000 قېتىمدىن ئاشتى.

تاكى شۇ كۈنگىچە، بۇ يىل قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2031 قېتىمغا، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2014 قېتىمغا يېتىپ، ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى، ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى مۇقىم ئاشتى، بارغانسېرى كۆپ «جۇڭگودا ياسالغان» مەھسۇلاتلار شىنجاڭدىكى تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلىنىشنى تاللىدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قورغاس پورتى جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورتىنى تەشكىللەش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنا بىلەن تۆمۈريولنىڭ ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك پورت» ۋە «قەغەزسىز ئىلتىماس قىلىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» سىستېمىسى تۈرى، تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇش مەشغۇلاتى، نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىنى تەڭشەش ھەم ۋاگون بىلەن مال ئېلىش ـ يەتكۈزۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ۋوگزالدا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

«نۆۋەتچى پويىز قاتناش سانىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۆۋەتچى پويىزدا توشۇلىدىغان مال تۈرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، سانائەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلاردىن تەدرىجىي ھالدا پىكاپ، نازۇك ئەسۋاب، ئېلېكتىرونلۇق دېتال قاتارلىق 200 نەچچە خىلغا كۆپەيدى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، جەمئىي 12 مىڭ تاۋار ئاپتوموبىل جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىندى» دېدى قورغاس ۋوگزالى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى ياڭ لىيې.

«قورغاس تاموژنىسى <تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش> ئىسلاھاتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئەھۋالغا قاراپ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى 365 كۈن 24 سائەت توختىماي تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلار ئىلتىماس قىلىش، تاموژنا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، تۆمۈريولدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاشنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، نۆۋەتتە، ھەر كۈنى قورغاس پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز 20دىن كۆپ بولۇۋاتىدۇ» دەپ بىلدۈردى قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش 3 ـ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاۋ يۈەنفېڭ.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 80گە يەتكەن بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتكەن؛ ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى جەمئىي 118گە يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 26 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلاپ، 21 دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.