ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مالىيە سېلىنمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى كۈچەيتىپ، سۈپەت تىرىكى ۋە ئۆلچەم يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداشنى تەڭ تۇتۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ۋە ئورمان - ئوتلاق بايلىقىنى قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس ئورمان - ئوتلاق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەھەرنى كۆكەرتىش خىزمىتىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شەھەر قۇرۇلۇش رايونىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئىجادىيىتى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش كېرەك. تارماقلار ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» بويىچە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئىزچىل تۈردە يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلو مىساللىرىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سۆزلەشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.