1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى بايلىق سودىسى 54 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى بايلىق سودا خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلغان، تۆت چوڭ بۆلەكتىكى 4452 بۆلەك تاماملىنىپ، سودا سوممىسى 54 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولغان. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك تۆت چوڭ بۆلەكتىكى سودا سانى 431، سودا سوممىسى 19 مىليارد 521 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن جەرياننىڭ ئېلېكتىرونلىشىش نىسبىتى %80كە يەتكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سودا تۆت چوڭ بۆلىكى ئىچىدە، قۇرۇلۇش تۈرى 240 بولۇپ، سودا سوممىسى 16 مىليارد 521 مىليون يۈەن بولغان؛ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋالغىنى 45، سودا سوممىسى 238 مىليون يۈەن بولغان؛ كانچىلىق ھوقۇقىنى رىقابەتلىك ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرى ئون بولۇپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 2 مىليارد 588 مىليون يۈەن بولغان؛ دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقى سودا تۈرى 136 بولۇپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 174 مىليون يۈەن بولغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2022 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇش تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى بايلىق سودىسى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يىللىق سودا ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ئاساس سالدى.

بۇ مەركەز قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە بازارغا كىرىپ سودىلىشىشقا كاپالەتلىك قىلدى. G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل - تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا - قومۇل بۆلىكىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرىنىڭ باغچە رايونىغا سۇ باشلاش تۈرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ئوڭۇشلۇق تاماملىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىنىپ، گەنچۈەنپۇ ۋوگزالىغا يېڭىدىن سېلىنىدىغان يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەگە ئىشلىتىدىغان ئۆي قۇرۇلۇشى، ئاقسۇ بۆلەك رايونىنىڭ 2024 - يىللىق يول يۈزىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا خېرىدار چاقىرىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 1 - پەسىلدە، بۇ مەركەز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، خېجىڭ ناھىيەسىدە تىكداۋاننىڭ غەربىدىكى تۆمۈر ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل مېتال كان (2 - رايون)نى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ كىنىشكا تارقىتىش ھوقۇق دائىرىسىدىكى 22 كان چارلاش ھوقۇقىنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەردى، كان تۈرى ئالتۇن كان، تۆمۈر كان، مىس كان، كۆمۈر كان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، خوتەن ناھىيەسىدىكى تيەنشۇيخەي لىتىي كېنىنى چارلاش، نىيە ناھىيەسىدىكى خۇاڭياڭلىڭ 1 - رايون 1 - نومۇرلۇق سۈرمە كېنىنى چارلاش قاتارلىق تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ كىنىشكا تارقىتىش ھوقۇق دائىرىسىدىكى توققۇز كان چارلاش ھوقۇقىنى ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەردى.

ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 1 - پەسىلدە بۇ مەركەز جەمئىي 1611 تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ ئەنگە ئېلىنغانلىقى، 250 مىڭ 858 تاۋارنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى، نۇقتا بويىچە مۇلازىمەت قىلىش كېلىشىمىدىن 2269نى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سېتىۋېلىش سوممىسى ئاز، سانى كۆپ، قېتىم سانى كۆپ بولغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تۈرلىرىدە بىردەك تور تاللا بازىرىدىن بىۋاسىتە سېتىۋېلىشنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى. بۇ مەركەز ئۈستەل كومپيۇتېرى، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك كومپيۇتېر رامكا كېلىشىمى توپلاش ئېلانى چىقاردى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى خامچوت ئورۇنلىرى شىنجاڭ ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش بۇلۇت سۇپىسى رامكا كېلىشىمى سارىيىدا بىۋاسىتە زاكاز قىلسا بولىدۇ، بۇ، ئاز سوممىلىق پارچە - پۇرات سېتىۋېلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. 1 - پەسىلدە، بۇ مەركەز بىر تۈركۈم دورا ۋە بىر تۈركۈم داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى ئاشكارا تورغا چىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دورىغا ئالاقىدار 547 گۇمانىي مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خورىما ماتېرىيالغا ئالاقىدار 28 مىڭ 711 گۇمانىي مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تورغا چىقىرىلغان 1146 دورا مەھسۇلاتىنى، 108 مىڭ 809 داۋالاش خورىما ماتېرىيالى مەھسۇلاتىنى بىر تەرەپ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا باھاسى ۋە خېرىدار چاقىرىش، سېتىۋېلىش ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش قاتارلىق دەرىجىگە تۇرغۇزۇش، دەرىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

كېيىنكى قەدەمدە، بۇ مەركەز ئاممىۋى بايلىق سودا سۇپىسىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى بايلىق سودا بازىرىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان، تولۇق ئېچىۋېتىلگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئاممىۋى بايلىق سودا بازىرى سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.