导航切换

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى»نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنە رايون بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شىنجىيۈەن مۇھىت تازىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپ، جەنۇبىي چوڭ مەسچىت قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ماتېرىيال كۆرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار كارخانا، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: يولغا قويۇش نىزامىنى ئىجرا قىلىشنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئارىلىشىپ ياشايدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ياش - ئۆسمۈرلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش پىلانى، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ ئارىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەمتىمىن قادىر قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.