مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى كۆڭۈل قويۇپ پۈتۈپ چىقىمەن

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

ۋەكىل زويا باقىت:

مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى كۆڭۈل قويۇپ پۈتۈپ چىقىمەن

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ

«شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك - گۇرۇپپىلارنى ئېچىۋېتىش پائالىيىتىدە، شىنجاڭنىڭ قار - مۇز ساياھىتى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەن ئەتراپىمدىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردىم، شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان.» يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى زويا باقىت شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىگە بېرىپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يىغىن مەيدانىدىن لېكسىيە سۆزلەش نەق مەيدانىغىچە، زويا باقىت باشتىن كەچۈرگۈچى بولۇشتەك بىرىنچى كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە كۆرگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى، ھېس قىلغانلىرىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەمبەھرىلىدى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زويا باقىت مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىنغا تارالغان مىراسلارنى جانلاندۇرۇشنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتى، شۇنداقلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش يولىدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق ئىكەنلىكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئايدىڭ ئىدى.

«ئالتاي ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، قار - مۇز ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئالتاينىڭ قار - مۇزلۇقلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ <ئىسسىقلىق> ئېففېكتىنى قويۇپ بېرىپ، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش، قاتناش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.» زويا باقىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەت بايلىقى مول، تەبىئىي بايلىق بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ، كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى چوقۇم بارغانسېرى زورىيىدۇ.

«ناھايىتى چۈشىنىشلىك سۆزلىدى، بىز ئاڭلاپ مول ھاسىلاتقا ئېرىشتۇق.» «كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق، بىز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى يېڭى تەدبىر، يېڭى چارىگە ئايلاندۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىمىز.» لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىشتە شوئار توۋلاش بىلەنلا توختاپ قالساق بولمايدۇ، جەزمەن كونكرېت ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشى تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

«ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.» زويا باقىت مۇنداق بىلدۈردى: ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ياخشى سىياسەتلىرىنى، ياخشى سادالىرىنى ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزىمەن. يەنە «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، توپلاپ، تەۋسىيە - پىكىر شەكىللەندۈرۈپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىمەن.