يېڭى ئىستىل ھەممە جاينى گۈزەللىككە تولدۇردى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش دائىملاشتى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولدى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە تۈرتكە بولدى، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى... شەھەر - بازارلاردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، ئىدارە - ئورۇنلاردىن ئائىلىلەرگىچە، ئۈچ تاغ ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدا، مەدەنىيلىك يېڭى ئىستىلى تەدرىجىي ئەۋج ئېلىپ، مەدەنىيلىكنىڭ كۈچى باھار يامغۇرىدەك كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

ئادەمدە روھ بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيلىك گۈللىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقتى.

ئىدىيە يېتەكچىلىكى كۈچەيتىلدى

مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئەۋج ئېلىپ ئادەتكە ئايلاندى

يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى بەلگىسى لايىھەلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى باش تېمىسىدىكى ناخشا - مۇزىكىلار ئىشلەندى، ئېيتىلدى، «يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدىن 96سى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ئورنىدىن 1147سى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىدىن 11 مىڭ 835ى پۈتتى، ھەم ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ ھەربىر يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)دا بىردىن قۇرۇش سان ئۆلچىمى بويىچە، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 1147سى بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى خىزمىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلدى، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرگۈزۈش».

«بىرىنچىدىن سۆزلەيمىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماسلىقنى؛ ئىككىنچىدىن سۆزلەيمىز يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، پۇقرالارنى بېيىتىشنى...» شايار ناھىيەسىنىڭ شايار بازىرى كاڭتەي مەھەللىسىدە، «ئالتۇن توغراق» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى لېكسىيە مەزمۇنىنى ناخشا قىلىپ ئاھالىلەرگە ئېيتىپ بەردى. «بۇ خىل لېكسىيە سۆزلەش شەكلى ياخشى، ئاممىغا يېقىن ئىكەن، بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايمىز» دېدى ئاھالە ۋاڭ مىڭلېي.

ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە ئۆمىكى قاتارلىق كۈچلەر تەشكىللىنىپ، «ئەڭ گۈزەل شەخسلەر» «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلغۇچىلار تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، «قار - مۇز شەھىرى» دومبىرا كىچىك تارماق ئەترىتى، «ماناسچىلار» ئەدەبىيات - سەنئەت لېكسىيە سۆزلەش كىچىك تارماق ئەترىتى قاتارلىق خاس نەزەرىيە تەشۋىقات قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، «يېڭى دەۋر داپېڭچېسى» «مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى چوڭ بازىرى» قاتارلىق خاس پائالىيەت ماركىلىرى يارىتىلدى... ھەرقايسى جايلار باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى (ئورنى، پونكىتى)نىڭ قىزىل بازا بولۇش خاسلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاممىغا يەتكۈزدى، قەلبىگە سىڭدۈردى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيىتى شۇ يەرگىچە كېڭەيتىلدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، كورلا شەھىرى «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش . مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ھەرىكىتىگە ئاتلىنىمەن» باش تېما پائالىيىتىنى باشلىدى. «بىز ھەممىمىز چاچ ياساتقىلى كەلدۇق، پىدائىيلارنىڭ ھۈنىرى ياخشى ئىكەن.» پائالىيەت نەق مەيدانىدا، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ساغلاملىق بويىچە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق نەچچە ئون «يايما ئورنى» بىرلىكتە «تىجارەت باشلاپ»، ئاممىنى ئىشىك ئالدىدا مەدەنىيلىك بازىرىغا بېرىش، ئەمەلىيەت كەيپىياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىلا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا 11 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق لېي فېڭدىن ئۆگىنىش مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.

كىچىككىنە نۇرلار يىغىلىپ، نۇرلۇق سامان يولىنى شەكىللەندۈرگەن. شىنجاڭدا سانى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى كۆپ مەنبەلىك، يەرلىكتە يىلتىز تارتقان، مول ھاياتىي كۈچكە تولغان «N + 8 + 1» مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى 40 مىڭدىن، قاتناشقان ئادەم سانى 3 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى. مۇلازىمەتنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ھەرقايسى جايلار مۇلازىمەت تۈرلىرى تىزىملىكىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى «زاكاز قىلىش − زاكازنى يوللاش − زاكاز قوبۇل قىلىش − زاكازنى باھالاش» ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرى بىلەن ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «مەدەنىي سانجى پىدائىيلار شەھىرى» يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى بۇلۇت سۇپىسى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا تايىنىپ، «بارماق ئۇچى»دىن «ئەتراپىمىزغىچە» بولغان پىدائىيلار مۇلازىمىتى يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈردى. دىققەتنى ئۆيدە قالغان بالىلار، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق ياردەم قىلىدىغان - يۆلەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان كەچكى شەپەق . مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش» قاتارلىق ئامما ئېتىراپ قىلىدىغان، خاسلىقى روشەن، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم پىدائىيلار مۇلازىمىتى ماركىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى بايلىقى ۋە كۈچىنى مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشقا ئۈنۈملۈك سەپەرۋەر قىلدى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش.

شىنجاڭ مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ، تارىخىي خارابىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، قىزىل مەيدان - ساراي قاتارلىقلارنى مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى بازىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملارنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شېئىر، مۇزىكا، خەتتاتلىق، شىچۈ تىياتىرى قاتارلىق مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى (ئورنى، پونكىتى)گە تايىنىپ، ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىنى قىزغىن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيەلەش، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تەدرىجىي راۋانلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك يېڭى ئىستىلىنىڭ ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئەخلاق ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇلدى

يادرولۇق قىممەت قارىشى ئىچىدە يېڭى كىشىلەر يېتىشتۈرۈلدى

35 يىل ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان مەھەللە شۇجىسى لى شياۋچىن، 12 سائەت ئاتلىق يۈرۈپ يارىلانغان ساياھەتچىنى قوغداپ تاغدىن چۈشۈرۈپ قويۇپ، بىر پۇڭمۇ ئالمىغان باي ناھىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسى تيەنتاڭخۇ كۆلى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى يېزا - كەنت ئىستىراھەت ساياھىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاتلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئەختەم ئىسمايىل... بۇ يىل 1 - ئايدا، 2023 - يىللىق «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» رەسمىي ئېلان قىلىندى، 110 كىشى (گۇرۇپپا)گە دائىر ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر نەق مەيداندىكى ھەربىر ئاڭلىغۇچىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.

دىققەت مەنىۋى تۈۋرۈك تۇرغۇزۇش، قىممەت ئۈلگىسى تىكلەش، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلارنى قەدىرلەيدىغان، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

ئىلغار تىپلار كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچ، شۇنداقلا جانلىق بولغان قىممەت قارىشى.

شىنجاڭ بىر تۈركۈم ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر، ئەڭ گۈزەل شەخسلەرنى تاللاپ تىپ تۇرغۇزدى، ئىشلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان «ئۈلگىنىڭ كۈچى» − شىنجاڭدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىن فىلىملىرى كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، جەمئىي 18 كىشى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى شەرىپىگە ئېرىشتى، 298 كىشى (گۇرۇپپا) شەرەپ بىلەن «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»گە كىردى، يەتتە كىشى مەملىكەت بويىچە «يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرى» بولۇپ باھالاندى، ئۇلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى جانلىق ئىزاھلىدى.

ۋەتەننى سۆيۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ 50 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزگەن «خەلق نەمۇنىچىسى» بۇرماقان مولدو، ھاياتى بەدىلىگە پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئاممىنى تاتلىق سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى» ليۇ خۇ، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە، پۈتۈن توردىكىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا» ئابدۇجاپپار مېڭدى... ئۇلارنىڭ ئىسمى كۆزنى چاقناتتى، ھېكايىسى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى، ئۇلار شىنجاڭلىقلارنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى كوردىنات بولۇپ قالدى.

ئەخلاقلىق كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. شىنجاڭ «ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، ھۆرمەتلەش، ياردەم قىلىش - يۆلەش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدىغان، ياخشىلارغا ياخشى جاۋاب قايتۇرۇلىدىغان قىممەت يۆنىلىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزدى.

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە ئېتىقاد ئۇرۇقىنى چاچتى.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 89 - باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 30 نەچچە ئوقۇغۇچى يېتەكچىنىڭ باشلامچىلىقىدا، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى ئىچىگە چوڭقۇر چۆكتى. بۇ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى پاتىخە شىرئەلى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ھەتتا ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، چوقۇم قەدىرلىشىمىز كېرەك».

چىڭمىڭدا ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىش» ياش - ئۆسمۈرلەر دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ھەم ۋەتەننى سۆيۈش لېكسىيەسى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى؛ «شىنجاڭ يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەن سەپىرى»گە قاتناشقان ياخشى ئۆسمۈرلەر شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ئۆگىنىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈردى؛ ئاپتونوم رايون بويىچە 936 يېزا - كەنت مەكتىپىدىكى ئۆسمۈرلەر سارىيى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلار ئۈچۈن رەڭگارەڭ دۇنياغا تۇتىشىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بەردى... شىنجاڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە، 2023 - يىلى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەمئىي 22 مىڭ ياش - ئۆسمۈرنى بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەتقىقات - ئۆگىنىش يازلىق لاگېرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ بىخ سۈرگۈزدى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى، ئاددىي پۇقرالاردىن چىققان قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، «ياخشى كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغان، ياخشى كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ياخشى كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان» ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.

خەلقنى كۆزلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلدى

مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئارقىلىق بەختنىڭ ئاساسىي رېڭى جۇلالاندۇرۇلدى

مەدەنىيلىك شەھەرنىڭ ئىچكى خىسلىتى، شۇنداقلا بەختنىڭ ئاساسىي رېڭى.

قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى تۇڭشۈن ئولتۇراق رايونىدىكى كىچىك باغچىغا كىرگەندە، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ بىخ سۈرگەنلىكىنى، ئەتراپ باھار تۈسىگە چۆمگەنلىكىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ رەتلىك توختىتىلغانلىقىنى، يول ۋە تاملارنىڭ يېپيېڭى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسىنىڭ جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى مۇھىت تازىلىقى ناچار، ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان توختىتىش مەسىلىلىرى بار ئولتۇراق رايون ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر قاراماي شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەردە «ئۇششاق يېڭىلاش»لارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پۇقرالارنى «زور بەخت»كە ئېرىشتۈرگەنلىكىدىن بولدى.

يېزا ئىستىلى - مەدەنىيلىكى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جېنى.

جۇغلانما نومۇرنى مۇكاپاتقا ئالماشتۇرۇش، ئىلغارلارنى باھالاش، ئەلالارنى باھالاش، مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش... ئاقسۇ شەھىرى مەدەنىيلىك جۇغلانما نومۇرىنى باشقۇرۇش (مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى جۇغلانما نومۇرى تاللا بازىرى) ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇغلانما نومۇرنى نەقلەشتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، يېزا - كەنتلەردە مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولدى.

مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازاردىن مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپكىچە، «بىر جاي گۈزەل بولۇش»تىن «بىر بۆلەك رايون گۈزەل بولۇش»قىچە، «مۇھىت گۈزەل» بولۇشتىن «تۇرمۇش گۈزەل» بولۇشقىچە، «تاشقى گۈزەللىك»تىن «ئىچكى گۈزەللىك»كىچە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار خەلقنى كۆزلەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردى، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيدى.

ئاپتونوم رايون بويىچە «مەدەنىيلىك يېڭى ئىستىلىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش بويىچە ئالتە چوڭ ئادەتنى يېتىلدۈرۈش» مەخسۇس مەدەنىيلىك ھەرىكىتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، دېھقان - چارۋىچى ئامما «ساغلام ئوزۇقلىنىش، مەدەنىي كىيىنىش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەدەپ - قائىدىلىك، سەمىمىي بولۇش، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىلىم - پەننى قەدىرلەش»تىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەندى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقى مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلدى، بۈگۈنكى كۈندە، تاماقنى مۇۋاپىق مىقداردا بۇيرۇتىدىغان، ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى ئېلىپ كېتىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى... شىنجاڭ دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيلىك كەيپىياتىنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئىدىيەسىنىڭ، شەكلىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى، «تاشقى ئۆزگىرىش»تىن «ئادەت ئاڭلىقلىقى»غىچە بولغان زور بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شىنجاڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ماھىيىتى ۋە تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىدە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى يادروسى ۋە ئەسلىي مەقسىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ «بەش چوڭ بەرپا قىلىش» بويىچە باھالاش ۋە قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي شەھەردىن 21نى، مەدەنىي كەنت - بازاردىن 120نى، مەدەنىي ئورۇندىن 160نى، مەدەنىي ئائىلىدىن 30نى، مەدەنىي مەكتەپتىن 148نى باھالاپ چىقىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەدەنىيلىك گۈللىرى باغلاردا خۇش پۇراق چېچىپ ئېچىلدى، قەلبداشلىق ئەتراپنى گۈزەللىككە تولدۇردى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى تېخىمۇ پارلاق نۇر چېچىپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.