ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ھۈجەيرىسىنى ئوزۇقلاندۇردى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي

1000 خىلدىن ئارتۇق ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى بازارغا سېلىندى، ئۆسۈم نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى، يېقىنقى بەش يىلدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %20تىن ئاشتى... 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاچقان شىنجاڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇ نەتىجە قەغىزى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى نامايان قىلدى.

2013 - يىلى، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنى راۋاجلاندۇرۇش» رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە قالدۇق سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، قەرز ئالغۇچىلار سانى، مەھسۇلات تۈرى، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە مۇقىم، ساغلام ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۆتنى ئۆستۈرۈپ، ئىككىنى تۆۋەنلىتىپ، زور ئىستراتېگىيەگە مۇلازىمەت قىلىش

بۇ يىل 2 - ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تارماق بانكىسى تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئۈچ كۈندىلا بارلىق قەرز بېرىش تەرتىپىنى تاماملاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك چىڭچۈەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى 2 مىليون يۈەن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى. «بىز قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ زىغىر ئۇرۇقى، زاراڭزا ئۇرۇقى قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بانكا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇل قالدۇقى 212 مىليارد 222 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىكىدىن %5.66 ئاشقان.

شىنجاڭنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى «تۆتنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنى تۆۋەنلىتىش»كە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، يەنى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى بويىچە ئىمزالانغان سۇغۇرتا تالون ھەققى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى جەمئىي تۆلەم پۇلى بىردەك تارىختىكى يېڭى، يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى؛ يېڭىدىن تارقىتىلغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈم نىسبىتى ئۇدا تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.

ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ بويىچە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قەرز پۇل كۆلىمى2016 - يىلىدىكى 67 مىليارد 793 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلىدىكى 142 مىليارد 968 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %110.89كە يەتتى. ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مۇستەھكەملىنىدىغان، يۈكسەلدۈرۈلىدىغان ناھىيەلەرنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 274 مىليارد 600 مىليون يۈەن، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %15.13 بولدى.

بۇ يىل 1 - ئايدا ئۇچتۇرپاندا يۈزبەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ قاراچى يېزىسىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بايبەك ماقاننىڭ ئۆيى ھەم كالا ئېغىلى، قوي قوتىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى.

يېقىندا، ئاقچى ناھىيەلىك يېزا ئامانەت - قەرز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى %3.45لىك ئەڭ ئېتىبار ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن بايبەككە 100 مىڭ يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بەردى. «بۇنچە كۆپ قەرز پۇل ئالالايدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بۇنچە تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. ئەمدى مەن كالا ئېغىلى ۋە قوي قوتىنىنى رېمونت قىلالايدىغان بولدۇم، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشۇمدا تېخىمۇ ئۈمىد بار بولدى» دېدى بايبەك خۇشال ھالدا.

خۇددى بايبەكنىڭ تەسىراتىغا ئوخشاش، پۇل مۇئامىلە كەڭ يېزىلارغا ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ئۈمىد نۇرىنى چاچتى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 370 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرىكىدىن %191.33 ئاشتى؛ ئاشلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 88 مىليارد 196 مىليون يۈەن بولدى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقى 189 مىليارد 432 مىليون يۈەن بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدا يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %20.16 بولدى.

شىنجاڭنىڭ سۇغۇرتا مۇلازىمىتى كاپالەت ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى 22 مىليوندىن ئارتۇق شەھەر - يېزا ئاھالىسىنى قاپلىدى؛ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر، باغ - ئورمانچىلىق، سۈت كالىسى قاتارلىق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ساھەلىرىنى قاپلىدى، دېھقانلارغا 2 مىليون 700 مىڭ ئائىلە قېتىم مۇلازىمەت قىلىپ، 140 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق خەۋپ - خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە جەمئىيەت توپىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى يېزا نوپۇسى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر قاتارلىق توپلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇردى» دېدى دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چى شياۋبو.

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىپ، قاپلاش كەڭلىكىنى ئاشۇرۇش

ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ ئاچقۇچى ئومۇمنى مەنپەئەتلەندۈرۈشتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى «100 بانكا 10 مىڭ كارخانىغا كىرىش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇردى، «ھۆكۈمەت، بانكا كارخانىغا كېپىل بولۇش» بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى جەمئىي 1000 مەيداندىن كۆپرەككە يەتتى ھەم كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئىسىملىكىنى يوللاش، ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

بۇلتۇر، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ 1 مىليون 630 مىڭ ئىسىملىك ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، 260 مىڭدىن ئارتۇق «قەرز ئېلىپ باقمىغان يەككە سودا - سانائەتچى»نى تاللاپ چىقتى ھەم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا يوللاپ بەردى، تۇنجى قېتىم قەرز ئالىدىغان 4001 يەككە سودا - سانائەتچىنى بايقاپ، تۇنجى قېتىمدا 6 مىليارد 212 مىليون يۈەن قەرز پۇل بەردى.

شىنجاڭ رۇنچېڭ ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بايقالغان تۇنجى قېتىم قەرز ئالغۇچىلارنىڭ بىرى. 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بۇ شىركەت ئۆي - مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئۈرۈمچى كېچۇاڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە تارماق بانكىسى بىلەن 410 مىڭ يۈەنلىك قەرز پۇل توختامى ئىمزالاپ، پۈتۈن تەرتىپنى توردا بېجىردى، قەرز پۇل بېجىرىش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئۈچ كۈندىن بىر كۈنگە قىسقاردى.

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ئېرىشىشچانلىقى ۋە يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە ناھىيە رايونىدىكى بانكا تىجارەت تور نۇقتىسى جەمئىي 2145كە، ناھىيە رايونىدىكى سۇغۇرتا تىجارەت تور نۇقتىسى جەمئىي 1346گە يەتتى؛ يېزا - بازار بانكىسى، سۇغۇرتا شۆبە، تارماق ئاپپاراتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1181گە ۋە 53كە يەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ناھىيە رايونىنى تىجارەت تور نۇقتىلىرى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىنجاڭ بويىچە ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كەنت دەرىجىلىكنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چەت - ياقا رايونلاردىكى ئامما پۇل مۇئامىلە ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى، تور نۇقتىلىرى ۋە تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بولدى.

رەنە بۇيۇمى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، دېھقان ئائىلىلىرى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ياشانغانلار قاتارلىق توپلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئىناۋەت، گۆرۈ، رەنە، كاپالەت قاتارلىق پۈتۈن تۈردىكى جەمئىي 1000 خىلدىن ئارتۇق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى.

كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، 2021 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى «كېچۇاڭ e قەرز پۇلى» مەھسۇلاتىنى باشلامچىلىق بىلەن بازارغا سالدى، پۈتۈن جەرياندا ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىنىپ، ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ مىنۇتتا پۇل ھېساباتقا كىردى، يەككە مۇئامىلىدارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10 مىليون يۈەن ئىناۋەت بېرىلدى، كارخانىلارنىڭ ھېچقانداق كېپىل بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.

بۇ مەھسۇلاتتىن پايدىلىنىپ، بۇ يىل 1 - ئايدا شىنجاڭ شىنلۈ ئاليومىنچىلىق چەكلىك شىركىتى 8 مىليون يۈەن قەرز پۇلغا ئېرىشتى. «قەرز پۇل بىزنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشىمىزنى يېتەرلىك مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جۇ جىنخې مۇنداق دېدى: ھازىر بانكا قەرز پۇلىنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇل قالدۇقى 200 مىليارد 860 مىليون يۈەن بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدا يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %21.76 بولدى.

ھەرقايسى بانكىلاردىن قارىغاندا، سودا - سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئومۇمىي مەنپەئەتدار قەرز پۇلى، مۇئامىلىدارلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %40تىن ئاشتى؛ قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان جەمئىي قوللىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانا مۇئامىلىدارى 210 مىڭدىن ئاشتى، جەمئىي 116 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى؛ يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئون يىلدا شىنجاڭدا 65 مىليارد يۈەن ئومۇمىي مەنپەئەتدار قەرز پۇل تارقاتتى؛ شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى يېقىنقى ئون يىلدا دېھقانلارغا جەمئىي 1 تىرىليون 20 مىليارد يۈەن قەرز پۇل بەردى.

دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش

كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، قانداق قىلغاندا ئاممىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، ئەرزان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟

بۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى قاتارلىق ساھەلەر ھەمدە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ساھەلەر، مۇستەھكەملىنىدىغان، يۈكسەلدۈرۈلىدىغان ناھىيەلەر، ئالاھىدە كىشىلەر توپى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

«بىز پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە مۇستەھكەملىنىدىغان، يۈكسەلدۈرۈلىدىغان 35 ناھىيەنىڭ قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئومۇمىي قەرز پۇل قالدۇقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن بىردەك تۆۋەن بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز» دېدى چى شياۋبو.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ھەرقايسى بانكىلاردىن ھەر دەرىجىلىك شۆبە، تارماق ئاپپاراتلارنى باھالاشتا ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ ۋەزنىنى %10تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈشنى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ بانكىلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ناھىيە رايونىدىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت - قەرز پۇل نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىل، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىدىن ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە بۆلۈمى قۇرۇشنى ھەم ئالاقىدار باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىنى تۈزۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىرېدىت، سۇغۇرتا، مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

قۇرۇلمىنى تەڭشەش جەھەتتە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى يەنە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى ئۈسكۈنە يېڭىلاش، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، تۈر تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ تەمىناتى بىلەن ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرىدۇ.

رەقەملەشتۈرۈش ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بانكا كەسپى نۇرغۇن تارماق بىلەن سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىدە كەڭ قوللىنىلدى.

باج تارماقلىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى باج تارماقلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش»نى قانات يايدۇرۇپ، باج ئۇچۇرلىرىنىڭ ۋاقتىدا قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ، «بۇلۇت باج قەرز پۇلى» قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق بانكا - باج ھەمكارلىق مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بانكا - باج ھەمتۈرتكە قەرز پۇل قالدۇقى 23 مىليارد 153 مىليون يۈەن بولدى.

بۇلتۇر 3 - ئايدا ۋە بۇ يىل 2 - ئايدا، يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تۈردىكى پۈتۈنلەي توردا بېجىرىلىدىغان، ساپ ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى، نۆۋەتتە قەرز پۇل قالدۇقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 مىليارد 825 مىليون يۈەن، 33 مىليون 970 مىڭ يۈەن بولدى.

«چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، پاختىكارلار e قەرز پۇلى، چارۋىچىلار e قەرز پۇلىنى پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەرز ئېلىشنىڭ قولايلىقلىقى ۋە ئېرىشىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۇق، دېھقانلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ نەچچە مىنۇتتىلا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلالايدىغان بولدى، ئىنتايىن قولايلىق» دېدى يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن شۆبە بانكىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىنىڭ نوپۇزلۇق مەخسۇس خادىمى جۇ شياۋيۈ.

نۆۋەتتە، دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسى، رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپكە مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىدارە ھەرقايسى تارماقلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى بىرىكتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنىڭ ئېرىشىشچانلىقى ۋە قولايلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.