باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ھەم مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ كان بىخەتەرلىكى بويىچە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەرلىك ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ھەمدە مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ۋە ئالاقىدار ئىسلاھات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى مۇھاكىمە قىلىندى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ كان بىخەتەرلىكى بويىچە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتىكى خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا «يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداش» خىزمىتىگە قويغان مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولىنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يەر ۋە سۇغا قاراپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئەمەلىي ياخشى قىلىپ، قۇملۇق يورۇقلۇق ۋولتى، قۇملۇق يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق خاس ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سىستېمىلىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا كۆزىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي تۈزىتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى ئەمەلىي تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم ۋەزىپە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياخشى قىلىشنى قايتا ـ قايتا تەكىتلىگەن زور ئىش. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۆت خاھىشنى تۈزىتىش، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، دېلو بېجىرىش، تۈزىتىش، تۈزەشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مەركەزلىك ھەل قىلىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ تۈزەشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشنى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ئالاقىدار يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ مۇنداق تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرگە چىڭ قادىلىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي تۆھپە قوشىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىدىغان خىزمەت يۆنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىجىل تۈردە خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈزىتىش ـ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تىپلارنى تۇتۇپ، ھۆججەتنى ئىخچاملاپ، يىغىننى ئازايتىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش، كادىرلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھوقۇق ـ مەسئۇلىيىتى، ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە بەرپا قىلىش، ئۆلچەمگە يېتىش بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق خىزمەت ئۆلچەملىرى ۋە قائىدىلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، مەمۇرىي جەھەتتىن تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى يەتكۈزۈلۈپ، ئۆگىنىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ئومۇمىي تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارغا ئايرىپ پەرقلىق، دەل جايىدا باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان، تارماق ھالقىپ ماسلاشتۇرۇلغان، كۆپ ئامىللار ئومۇملاشتۇرۇلغان ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى، قانۇن ئىجرا قىلىش قۇرۇلۇشى، تېخنىكا كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشتىكى تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ كان بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، كان بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تارماقلىرى، كانچىلىق كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كانغا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ مەنبەدىن باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك. كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى تۈزۈمى، مېخانىزم، باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يوچۇقلىرىنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە توسۇپ، بىخەتەرلىك تورىنى ھەقىقىي زىچ، پۇختا توقۇپ، كان بىخەتەرلىكى ئاساسىي كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.