شىنجاڭ غۇلجا ـ ئالمۇتا TIR تىرانسپورتىدا قوش يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ غۇلجا تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، 25 توننا سېرىق مىس نۆكچىسى قاچىلانغان TIR (خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئەھدىنامىسى) ئاپتوموبىلى قازاقىستان ئالمۇتادىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن. بۇ، ئالمۇتادىن لىق يۈك بېسىپ غۇلجىغا توشۇلغان تۇنجى جۇڭگو نومۇر تاختىسى ئېسىلغان TIR ئاپتوموبىلى بولۇپ، شىنجاڭدا غۇلجا ـ ئالمۇتا TIR تىرانسپورتىدا قوش يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

TIR سىستېمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت ئەھدىنامىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خەلقئارا چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتى ساھەسىدىكى يەرشارىۋى خاراكتېرلىك تاموژنىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سىستېمىسىدۇر. بۇنىڭدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا ۋە خەلقئارا تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالغا سىلجىتىش مەقسەت قىلىنغان.

بۇلتۇر 6 ـ ئايدا، غۇلجا ـ ئالمۇتا TIR لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلىپ، جۇڭگونىڭ TIR ئاپتوموبىللىرى غۇلجىدىن بىۋاسىتە مال توپلاپ چېگرادىن چىقالايدىغان بولدى. بۇ قېتىم ئالمۇتادىن غۇلجىغا كەلگەن TIR ئاپتوموبىللىرى 4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئېكسپورت ماللارنى قاچىلاپ غۇلجىدىن يولغا چىقىپ، ئالمۇتاغا يېتىپ باردى.

بۇ قېتىمقى توشۇش كەسپىگە مەسئۇل شاۋشىڭ رۇييا خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى بۇلتۇر 12 ـ ئايدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە TIR تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ شىركەت خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا مەشغۇلات خىزمەتچىسى جۇ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىركىتىمىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت ئىچى تىرانسپورت كەسپىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت كەسپىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. شىركىتىمىز جېجياڭدىكى ماللارنى تۆمۈريول ئارقىلىق غۇلجىغا توشۇپ، غۇلجىدا مال توپلىغاندىن كېيىن TIR ئاپتوموبىللىرى ئارقىلىق ئالمۇتاغا توشۇيدۇ.

غۇلجا تاموژنىسى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جالالىدىن ئابلىمىت مۇنداق بىلدۈردى: TIR ئەندىزىسى ئارقىلىق «ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش»تە ئاپتوموبىل ئالماشتۇرمايلا قولايلىق توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا توشۇش جەريانىدا TIR ھەيدەش كىنىشكىسى ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇش، ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا پېچىتىنى تەكشۈرۈشتە خاتالىق بولمىسا، يۈك ساندۇقىنى ئېچىپ تەكشۈرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى غۇلجىدىن مال توپلاپ چېگرادىن چىققان جۇڭگو نومۇر تاختىسى ئېسىلغان TIR ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسى يۈك بېسىپ بېرىپ، قۇرۇق قايتىپ كېلەتتى. بۇ قېتىمقى يۈك قاچىلاپ بېرىش ـ كېلىش ئالمۇتا ـ غۇلجا TIR لىنىيەسىدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇشىنى يېڭى تاللاشقا ئىگە قىلدى.

TIR كەسپىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ راۋان جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل، غۇلجا تاموژنىسى ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، TIR كەسپى بويىچە مەخسۇس ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، «24×7» سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، پورت تاموژنىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچۇرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، چېگرادىن كىرىپ ـ چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنى كەلگەن ھامان ۋاقتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.