رەقەملىشىشكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ «ئون تور» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەر (8)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

شوپۇرسىز ئاپتوموبىللار يولدا راۋان يۈرمەكتە، AI ماشىنا ئادىمى مۇرەككەپ ئۈسكۈنىلەردە توغرا، خاتاسىز مەشغۇلات قىلماقتا... كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۈرتكىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئارقىسىدىكى «سىرلىق كۈچ» بولسا سانلىق مەلۇماتنى ئاساسىي مۇھىم ئامىل قىلغان ھېسابلاش كۈچى تورىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشى دولقۇنى جۇش ئۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورىنى پائال بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا، شىنجاڭ قانداق قىلىپ ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ؟

ھېسابلاش كۈچىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملەندى

قاراماي، نېفىت بىلەن داڭ چىقارغان بۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈندە رەقەملىشىش سەۋەبلىك گۈللەندى.

قاراماي شەھىرىگە جايلاشقان بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسى، «ئافەندا» «سەرگەردان يەرشارى» ناملىق كىنولارنىڭ نۇرغۇن كۆرۈنۈشلىرى مۇشۇ يەردە كىرىشتۈرۈلۈپ تاماملانغان. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى قاراماي شەھەرلىك شۆبە شىركىتى ھۆكۈمەت ـ كارخانا خېرىدارلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جوۋ جېنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: مۇرەككەپ، ئالاھىدە كۆرۈنۈشلۈك بىر كىنونى پەقەت يەككە كومپيۇتېرغا تايىنىپ كىرىشتۈرگەندە بىرنەچچە يىل سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ لېكىن يۈزلىگەن ـ مىڭلىغان ئاساسىي كومپيۇتېرنى ئۇلاپ كىرىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلسا، كىرىشتۈرۈش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، قاراماي شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچىسىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات ئاپپارات ئىشكاپى قۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» «شەرقنىڭ كىنولىرىنى غەربكە يۆتكەپ كىرىشتۈرۈش»نى ئۈستىگە ئېلىشتا ئېھتىياجلىق بولغان ھېسابلاش كۈچى، ساقلاش بوشلۇقى ۋە تور ئىقتىدارى ھازىرلاندى.

ھېسابلاش كۈچى شەھەر ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىمۇ ئەمەلىي قوللىنىلدى. قاراماي شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق بايقاش، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسى، ئالدىنقى ئۇچتىكى نەرسە تورى سېزىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋەزىپە ئىش تىزىملىكى شەكلىدە تولۇق يۇغۇرۇپ «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش» سۇپىسىغا مۇجەسسەملەپ، «بىر توردا قوبۇل قىلىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن بۆلۈپ ئەۋەتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ھېسابلاش كۈچى رەقەملىك ئىقتىسادتىكى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇپ، توردىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى ساھەلەرگە ئۈن ـ تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ. ھېسابلاش كۈچى تورى ھېسابلاشنى يادرو قىلغان بولۇپ، توردىن پايدىلىنىپ ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىملەش ۋە جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھېسابلاش، بايلىق ساقلاش ئارقىلىق نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ تۆۋەن تەننەرخلىق، تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت پەرقىلىق ھېسابلاش كۈچى تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، «ھېسابلاش كۈچى تورى»نىڭ رولى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى سۇپىسىدا ئىنتېل X86 قۇرۇلمىلىق مۇلازىمېتىر بىلەن كۇنپېڭ ARM قۇرۇلمىلىق مۇلازىمېتىر پەرقلىق قۇرۇلمىلىق ئۈسكۈنىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ساقلاش ـ ھېسابلاش ئىقتىدارى %45تىن ئارتۇق ئاشتى.

2019 ـ يىلىدىن بۇيان، بۇ سانلىق مەلۇمات مەركىزى سۇپىسىغا جەمئىي 110 يۈرۈشتىن ئارتۇق سىستېمىنىڭ 170TB يادرولۇق سانلىق مەلۇماتى جۇغلانغان بولۇپ، جەمئىي كۆرۈلۈش مىقدارى 600 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، توردىكى ئېلېكتىر تورى، بېسىم ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق 500دىن ئارتۇق سانلىق مەلۇمات ئانالىز كۆرۈنۈشىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولدى.

بۇلتۇر 11 ـ ئايدا، تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گاز، ئېتان يىغىۋېلىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تارىم ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر تەي جيەنشىن مۇنداق بىلدۈردى: تارىم نېفىتلىكى تەبىئىي گاز، ئېتان يىغىۋېلىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتى دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي گاز بىرتەرەپ قىلىش ساھەسىدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، تەبىئىي گاز بىرتەرەپ قىلىش ساھەسى بويىچە مۇكەممەل بولغان بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى شەكىللەندۈردۇق.

شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچى ئۈستۈنلۈكى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، كىلىمات، يەر، رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ نۇرغۇن تەبىئىي ئەۋزەللىككە ئىگە. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇ ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، شىنجاڭدا قاراماي، سانجى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى قۇردى.

تۈگۈن نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى بەرپا قىلىش ساھە ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان غايەت زور قۇرۇلۇش بولۇپ، تۈگۈن نۇقتىلىرىنى «ئورۇنلاشتۇرۇش» بىرىنچى قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

3 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى − جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى(قاراماي) بۇلۇت ھېسابلاش ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى قاراماي شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى(قاراماي) بۇلۇت ھېسابلاش ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزىگە جەمئىي 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، 14 مىڭ ئاپپارات ئىشكاپى پىلانلانغان بولۇپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، شۇنداقلا بۇ شىركەتنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى يادرولۇق ھېسابلاش كۈچى بايلىقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ بىرى.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى قاراماي شەھىرى شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ بو مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزىنىڭ ھېسابلاش كۈچى توپىنىڭ كۆلىمىنى 2023PFLOPS (سېكۇنتىغا لەيلىمە چېكىتلىك ھېسابلاش قېتىم سانى)غا يەتكۈزىمىز، بۇ خىل كۆلەمدىكى ھېسابلاش ئىقتىدارى ئىلمىي تەتقىق قىلىش، ھاۋارايىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلارنى تەقلىد قىلىش قاتارلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش كۈچى تەلەپ قىلىنىدىغان ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىمىزمۇ غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ «دۆلەت دەرىجىلىك» ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تېز تارقالدى. شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، ئەقلىي ھېسابلاش، سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت ھېسابلاش كۈچى سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزى بەرپا قىلىدۇ، تىرىشىپ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇنىۋېرسال ھېسابلاش كۈچى 500Pدىن ئاشىدىغان، ئاساسىي يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان قوراللار مۇھىتى يۈرۈشلەشكەن رەقەملىك تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى ـ كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى، يېڭى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرەكلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

بۇلتۇر 10 ـ ئايدا، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىپ، نۇرغۇن پەن تەتقىقات، كەسىپ ھەم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە تەسىس قىلغان تەتقىقات ئورنى − ئېنېرگىيە ھېسابلاش كۈچى يۇغۇرما (قومۇل) تەتقىقات يۇرتىغا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇلۇشى ۋە ھېسابلاش كۈچى تورى ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىغا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.

ئېنېرگىيە ھېسابلاش كۈچى يۇغۇرما (قومۇل) تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى لى چاۋ مۇنداق قارىدى: ھېسابلاش كۈچى تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، ئەقلىي ھېسابلاش، ئۇنىۋېرسال ھېسابلاشنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىلغار ھېسابلاش توپى ۋە ھېسابلاش كۈچى ئىقتىسادى كەسىپلەر باغچىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ھېسابلاش كۈچى تورىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شاھماتقا شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. 3 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ۋاڭسۇ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى رەسمىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقلىي ھېسابلاش كۈچى سۇپىسى، AIGC قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى بەرپا قىلىدۇ.

ھەرقايسى ساھەلەردىكى «ھېسابلاش كۈچى تورى»نى بەرپا قىلىدىغان مۇھىم ئامىللار ھەمدە ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى بولغاچقا، «تور»دىكى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىلىرى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.

«ھېسابلاش كۈچى يېگانە ئارىلى» بۇزۇپ تاشلىنىدۇ

يېڭى ھېسابلاش دەۋرىگە قەدەم قويۇش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ئامىللىرىمۇ بارغانسېرى گەۋدىلەندى. بولۇپمۇ ھەرقايسى جايلاردا «ھېسابلاش كۈچى يېگانە ئارىلى» مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت، تور ئارقىلىق ھېسابلاش كۈچى بايلىقىنى جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ تەقسىملەش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشتا.

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى» ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى باشلامچى رايونىنى جايلاشتۇرۇپ ۋە پىلانلاپ، شەرقىي قىسىم رايونلار بىلەن ھېسابلاش كۈچى ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش كۈچى تورىنىڭ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى سىستېمىسىغا پائال سىڭىشىش كېرەك.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قومۇل شەھىرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ چىڭياڭ شەھىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان ھېسابلاش كۈچى تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە ھېسابلاش كۈچى يۇغۇرما (قومۇل) تەتقىقات يۇرتىنى قۇرغانىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، قومۇل ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىمات شارائىتىغا تايىنىپ، كۆلىمى زور، مۇقىم، ئىشەنچلىك بولغان ھېسابلاش كۈچى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى قۇرۇپ، چىڭياڭ بىلەن ئۆزئارا زاپاس تەييارلاپ، جېڭجوۋ، چىڭياڭ، قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ ھېسابلاش كۈچى تورى تەجرىبە مەيدانىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى (ئاراتۆرۈك) ئىلغار ھېسابلاش توپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش 1 ـ قارارلىق تۈرى ۋە ئاراتۆرۈك ھېسابلاش كۈچى ئىقتىسادى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (كەسىپلەر باغچىسى) قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان دوكتور ئاشتىلارمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

«تور» كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، «رايون ـ بۆلەك زەنجىرى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» بويىچە ئەمەلىي قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «كارخانا قۇرۇش» «كارخانىلارنى ئاددىي تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىككى باش تېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەتتە رايون ـ بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، سانلىق مەلۇمات ئوبوروتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھېسابلاش كۈچى تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.

مەيلى ئالاقىدار تەتقىقات يۇرتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى بولسۇن ياكى «دۆلەت دەرىجىلىك» ھېسابلاش كۈچى مەركىزى قۇرۇش تەييارلىقى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گاۋ ۋېن مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭ تۈگۈن نۇقتىلىرىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرقىي قىسىمنىڭ ھېسابلاش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھەم «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش»تىن باشقا تۈگۈنلەرنىڭ ھېسابلاش بېسىمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى، ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى رەقەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، رايون خاراكتېرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش كۈچى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە رەقەملىك يىپەك يولى بەرپا قىلىشى كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تورى سىستېمىسىغا پائال سىڭىشمەكتە، ھېسابلاش كۈچى تورى ئارقىلىق تۈرلۈك ساھە ـ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت كۆلىمى زور بولغان كاتتا سەھىپىنى پۈتۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.