1 ـ پەسىلدە نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 4 مىليون 600 مىڭ توننىدىن ئاشتى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ نېفىتلىكىدە:

1 ـ پەسىلدە نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 4 مىليون 600 مىڭ توننىدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر شاۋ خۇڭتاۋ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ پەسىلدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گازنىڭ ئېكۋىۋالېنتى 4 مىليون 600 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى 40 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

جىمىسار سىلانېتس مېيى ئۈلگە رايونى جۇڭگودىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس قاتلىمىدىن نېفىت ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇپ، بۇلتۇر خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 600 مىڭ توننىدىن ئاشتى. شىنجاڭ نېفىتلىكى بۇ يىل جىمىسار سىلانېتس مېيى ئېچىشتا 100 قۇدۇقنى بۇرغىلاش، 110 قۇدۇقتا قاتلامنى يېرىشنى پىلانلىدى. «بۇنداق قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى جىمىسار سىلانېتس مېيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمگە يەتتى» دېدى شىنجاڭ نېفىتلىكى جىچىڭ نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىنىڭ دىرېكتورى دۇ شۆبياۋ.

شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى ئەڭ بالدۇر ئېچىلغان رايون بۆلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىگە 70 يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى. مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەچكە، بىر قىسىم كونا رايون بۆلەكلىرىدىكى نېفىت قۇدۇقلىرى تاقىلىپ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى. بۇلتۇر 8 ـ ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ 2 ـ ئوتتۇرا رايونىدا 100دىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقى يېڭىدىن بۇرغىلاندى، نېفىت قاتلىمىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە باھالاش، يەر ئاستى قاتلاملىرىنى تونۇش سىستېمىسىنى قايتا ئورنىتىش، قۇدۇق تورى قۇرۇلمىسىنى قايتا قۇرۇش، يەر يۈزى تېخنولوگىيە تەرتىپىنى قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق، نۇرغۇن كونا رايون بۆلەكلىرى 2 ـ قېتىم ئېچىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، مۇقىم مەھسۇلاتلىق يېڭى بازا شەكىللەندۈرۈلدى.

3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ھەرقايسى نېفىت رايونلىرىدىكى كاربون(Ⅳ) ئوكسىدىنىڭ يىللىق بېرىلىش مىقدارى 100 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ پۈتۈن يىللىق كاربون بېرىش نىشانى بويىچە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ CCUS (كاربون(Ⅳ) ئوكسىدىنى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش) ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، نېفىتلىكنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول تېپىپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكى يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن نېفىت ـ تەبىئىي گازنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېچىش شەكلىنى قايتا بەرپا قىلىش، نېفىتلىكنىڭ تۆۋەن تەننەرخلىق ئېچىش ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى، نۆۋەتتە، نۇرغۇن مەركەزلىك يورۇقلۇق ۋولت تۈرى نېفىتلىكتە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.