ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قەلبلەرگە كىرگۈزۈلدى، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلدى

日期:2024年04月13日
来源:天山网
【字体:

شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىلدى، ۋاسىتە بېيىتىلدى، نىشانلىق ئىش كۆرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش قەلبلەرگە كىرگۈزۈلدى، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: قانۇنچىللىق باھار شامىلى كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى مەزگىلى يېتىپ كەلدى. بۇ يىل 4 ـ ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ 21 ـ قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن، قانۇن تەشۋىقات ئېيى» بولۇپ، پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى «ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇن روھى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار جەمئىيەتتە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ۋاسىتىنى بېيىتىپ، تۈرلۈك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى، ۋاسىتىسى، يولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇن تەشۋىقاتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى، خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزدى.

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ناھىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى، ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 13 ئورۇن بىرلىشىپ «مىڭ كادىر ئاساسىي قاتلامغا بېرىش . قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش» تېمىسىدىكى قانۇنچىللىق لېكسىيەسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇردى. خىزمەتچى خادىملار ئاممىغا ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى قاتارلىق تەشۋىقات قوللانمىلىرىنى تارقىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە قانۇننى ئاساس قىلىش، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. «مەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە خاس مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، خەلققە ۋاكالىتەن سۆزلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ھېكايىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىمەن، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى ئونسۇ بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ جۈنچى.

4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىكى كادىرلار جاغىستاي بازىرىنىڭ تۆۋەنكى جاغىستاي كەنتىگە بېرىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى دېھقانلار چوڭ ھويلىلىرىغا كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەش، قانۇن بىلىملىرىدىن مۇكاپاتلىق سوئال ـ جاۋاب، قانۇنچىللىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، قانۇنچىللىق تەربىيەسى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، تىنچ ـ ئامان يېزا ـ كەنت، قانۇنچىل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى ياراتتى.

4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق گۇڭئەن ئىدارىسى كونا شەھەر ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى مەھەللە، مەكتەپ، دۇكان قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاممىغا ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، زەھەر چەكلەش قانۇنى قاتارلىق بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشنى كۆپچىلىكنىڭ ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇردى.

«بازارغا كېلىپ يەنە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندىم، بۇ خىل پائالىيەت ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ» دېدى بۇرچىن ناھىيەسى قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يېركىنبېك تاشەن. 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، قوستىق بازارلىق ئەدلىيە ئورنى ساقچىخانا، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى، قانۇننى ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كىچىك تارماق ئەترىتى تەشكىللەپ، بازار كۈنى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار قانۇنچىللىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قانۇنچىللىق ساداسىنى تارقاتتى. «قانۇن بىزدىن يىراق ئەمەس، بىز قانۇنغا رىئايە قىلىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.» كۇچا شەھىرى چېڭنەن ئەدلىيە ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كۇچا شەھەرلىك 9 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ قانۇنچىللىق بويىچە مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئەخمەت توختى «ئاساسىي قانۇن مېنىڭ يېنىمدىلا» دېگەن باش تېمىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتى، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش خاھىشلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق قانۇنچىللىق تەربىيەسى دەرسى ئۆتتى.