导航切换

قۇرۇق قاتراپ يۈرمەڭ! شىنجاڭدىكى بايىنبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدۇ، ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ

日期:2024年04月12日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىيېقىندا، شىنجاڭدىكى بايىنبۇلاق قاتارلىق مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى ئېچىش ۋاقتىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش، ياكى ۋاقتىنچە تاقاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى، ئەگەر يېقىندا ساياھەتكە چىقىش پىلانىڭىز بولسا، قۇرۇق قاتراپ يۈرمەڭ.

خېجىڭ ناھىيەسىدىكى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى(ماتېرىيال سۈرەت).چۆ. خۇرەفوتوسى

4-ئاينىڭ 11-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونىدا پىلان بويىچە مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يوللارنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇ يىل 6-ئايدا تاماملاش پىلانلاندى، شۇڭا، مەنزىرە رايونىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدۇ، كونكرېت ئېچىۋېتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈپەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە، كارىز خەلق ئۆرپ- ئادىتى باغچىسى مەنزىرە رايونىدا پۈتۈن يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش قىلىش مەزگىلىدە خەلق ئۆرپ-ئادىتى باغچىسى ۋاقتىنچە ئېچىلمايدىكەن.

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونىدا گۈل سەيلىسى قىلماقتا.(ماتېرىيال سۈرەت) لى خۇابېيفوتوسى

4-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭغار مەدەنىيەت ساياھەت چەكلىك شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىڭتۇەن 6-شىسى ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ 19-نۆۋەتلىك كۈركۈم گۈلى مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىنىڭ پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ھازىر چىڭگېداخۇ مەنزىرە رايونىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە تاقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى