پايانسىز كەتكەنۋەتىنىمىزنىڭنەنخەي دېڭىزىدا
ئەمدىلا ليەنگە چۈشكەن بىر تۈركۈم يېڭى جەڭچى نەنشا ئارىلىغا كېلىپ
ھەربىي قىسىمدىكى تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى باشلىدى
2000-يىللاردا تۇغۇلغان يېڭى ئەسكەر مۇرادىل تۆمۈرجان
شىنجاڭ كورلىدىن كەلگەن بولۇپ
ئۇ 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ
ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇبىي ئۇچىدىكى نەنخەيگە بېرىپ
نەنشا ئارىلىدىكى خادا تاشلارنى قوغدىغۇچى بولۇپ قالدى
ئارال-خادا تاشلارغا قەدەم قويغاندىن كېيىن
ئۇ كۆڭلىدە ئويلاپ كەلگەن دېڭىزنى كۆرۈپلا قالماي
بەنجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىدىن بۇ ئارالنىڭ
قۇرۇلۇش تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى
ۋە ئارالنى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئەجرىنى ئاستا-ئاستا چۈشەندى
مۇرادىل مۇنداق دېدى: «مەن تىيانشان ئېتىكىدە چوڭ بولغان، كىچىك ۋاقتىمدا دائىم دېڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتىم. كېيىن ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، مەكتەپنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ماڭا تەسىر قىلدى، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشىدا، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم».
ئارال-خادا تاشلارنى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن
مۇرادىل مۇنداق دېدى:
ۋەتەن زېمىنىنى
ۋە بېلىقچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن
تورداشلار يەنە 2000-يىللاردا ئارال-خادا تاشلارنى قوغداۋاتقان بۇ شىنجاڭلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرگە
ئاپىرىن ئوقۇدى ھەمدە ئۆز تىلەكلىرىنى تىلىشىپ
«نەنخەينىڭ ھاۋاسىغا بالدۇرراق ماسلىشىپ، لاياقەتلىك جەڭچى بولۇڭ»
«شىنجاڭ ئوغلانى»
«يۇرتىمىزنىڭ پەخرى، ياخشى» دېيىشتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى