导航切换

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆچەت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە مەدەت بېرىلدى

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆچەت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ياخشى مەزگىلى، شۇنداقلا كۆچەت تىكىش، يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا كۆچەت يېتىشتۈرۈش خىزمىتى قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، شورغا چىداملىق كۆچەتلەر قۇملۇققا تىكىلىپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى دازىرەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى شى خۇڭبو لوپنۇر كەندىرى مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۇ بىر تۈركۈم مايسىلار بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تېرىلغان، يەنە ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن ئېتىزغا كۆچۈرۈپ تىكسەك بولىدۇ.» شى خۇڭبو مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 2022 - يىلى لوپنۇر كەندىرى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان، ئۈچ يىلدا 9 مىليون تۈپ مايسا يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق. نۆۋەتتە، تۇنجى تۈركۈمدە يېتىشتۈرۈلگەن لوپنۇر كەندىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈردۇق ھەم لوپنۇر كەندىرى چېيى ئىشلەپچىقاردۇق. كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش سالمىقىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر كەندىرى مايسىسىغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئاشىدۇ.

شىنجاڭدىكى ياۋا لوپنۇر كەندىرى ئاساسلىقى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسى، بۈگۈر ناھىيەسىدىكى تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى ھەم ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا تارقالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى لوپنۇر كەندىرى ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، لوپنۇر كەندىرىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

نۆۋەتتە، كورلا شەھىرى 5000 مو يەردە لوپنۇر كەندىرى يەرلىك ئۇرۇقلۇق بازىسى قۇردى، ھوسۇلى مۇقىملاشقاندىن كېيىن يىلىغا 7.5 توننا ساپ ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقارغىلى، 1 مىليارد تۈپ كۆچەت يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ، شۇ جاينىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە باشقا رايونلارنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلىشىنى ئەلا سۈپەتلىك يەرلىك ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. لوپنۇر ناھىيەسى كۆچەتنى كۆچۈرۈپ تىكىش، يىلتىزىدىن كۆچۈرۈپ تىكىش، ئۇرۇقنى بىۋاسىتە تېرىش، قوغداش تۇڭىغا كۆچۈرۈپ تىكىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، لوپنۇر كەندىرى كۆچىتىدىن 5 مىليون 300 مىڭ تۈپ يېتىشتۈرۈپ، 11 مىڭ مو يەردە سۈنئىي ئۇسۇلدا تىكىپ ئۆستۈرۈشنى يولغا قويدى.

ئاقسۇ جىغان تەتقىقات مەركىزى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ جىغان دەرىخى ئەلا سورتىنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش بازىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەركەزدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى نۇرغۇن جىغان ئەلا سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل، كېڭەيتىپ قوللىنىشقا بولىدىغان جىغاننى تېز كۆپەيتىش تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىلىغا 10 مىليون تۈپ جىغان كۆچىتى يېتىشتۈردى.

«جىغان بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى بولۇپ، شىنجاڭدا چۆللىشىشنى تۈزەشتە ئىشلىتىلىش ئىستىقبالى پارلاق.» ئاقسۇ جىغان تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور جاۋ يىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەركىزىمىزنىڭ كۈندىلىك جىغان كۆچىتى چىقىرىش مىقدارى 30 مىڭ تۈپ ئەتراپىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنى 5 مىليون تۈپتىن ئارتۇق تۈرلۈك جىغان كۆچىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

كېرىيە ناھىيەسى قۇملۇقتا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش بويىچە كۆچەت يېتىشتۈرۈش - ئۆستۈرۈش بازىسىدا، جىگدە، توغراق، تېرەك، ئەرمۇدۇن قاتارلىق دەرەخ كۆچەتلىرىنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىرغا يەتكەن، كىچىك كۆچەتلەر تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبىغىنى بويلاپ رەتلىك تىكىلگەن بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز ئىدى.

خوتەن ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى يادرولۇق رايون، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىغاندىن كېيىن، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە يەرلىك دەرەخ كۆچەتلىرىگە بولغان ئېھتىياج تېز ئاشتى.

«بۇلتۇر كۈزدە، بىز 2500 مو يەردە كۆچەت يېتىشتۈرۈش - ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇشنى باشلىدۇق، نۆۋەتتە 1 مىليون 450 مىڭ تۈپ كۆچەت ئۆستۈرۈلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆچەت كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ» دېدى كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جيا سۈنپېڭ.

كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى كۆچەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ. سۇ بايلىقىنى تېجەش ئۈچۈن، كۆچەتلەرنى سۇغىرىشقا شەھەر نېتېرال سۈيى ئىشلىتىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنىڭ %80تىن ئارتۇققا يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. «بازىدىكى كۆچەتلەرنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى <ئۈچ شىمال> 6 - قارارلىق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ» دېدى جيا سۈنپېڭ.

2023 - يىلى، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى باشلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە تۇنجى تۈركۈمدە سەككىز نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش تۈرى باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 54 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە چېتىلىدۇ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 577 مىڭ مو كېلىدۇ.