− شىنجاڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن خاتىرە
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي
باھاردا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى، دوستلار تەكلىپ قىلىندى. باھار تۈسىگە چۆمگەن پەيتتە، شىنجاڭ بېيجىڭدا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى دوستلۇق رىشتىنى ئورتاق بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
بېيجىڭدىكى شىنجاڭ سارىيىنىڭ مۇقام زالى كۆركەم ھەم ئاددىي بېزەلگەنىدى. ناھايىتى چوڭ يۇمىلاق ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا، سۆسۈن رەڭلىك سەنجياۋمېيلار كۆركەم، چىرايلىق خۇڭجاڭ گۈللىرىنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سەمىمىيىتى ۋە قىزغىنلىقىغا ئوخشايتتى.
بۇ كۈن دەل روزا ھېيت ئىدى. 49 دۆلەتتىن كەلگەن 76 چەت ئەللىك دوست گۈزەل تىلەكلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دوستانە بېرىش - كېلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى.
«شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان»
«ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» ناملىق قىسقا فىلىمنى بىرلىكتە كۆرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
مۇقىم، ساغلام ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار، «توختىماي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىۋاتقان» تەرەققىيات نەتىجىلىرى شىنجاڭنىڭ بۇ ئىككى يىلدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېنىق ئىزىنى تەسۋىرلەپ بەردى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ... خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەمەلىي تەدبىرلەر، ئۇچتۇرپاندا يۈزبەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ئەمىن ئۆيلەرنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىدەك ھەقىقىي ھېكايىلەر شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى ئادەتتىن تاشقىرى سالماققا ئىگە قىلغانىدى.
مۇقام، «ماناس» قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت مىراسلىرى قوغدالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىندى، مەشرەپ، ئايتىس قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتى مانا شۇنداق رەڭدار.
...
پاكىت كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقىي، ئەمەلىي، شىنجاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگىلى بولىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر.
«جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر ئوچۇق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان».
«بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگونىڭ باشقا رايونلىرىدىكى خەلق بىلەن بىرلىكتە باراۋەر ئورۇنغا ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە. بىز بۇنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلىيىتى، دەپ قارايمىز».
جاراڭلىق، كۈچلۈك سادالار شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى ئىنتايىن ساپ، ئىنتايىن سەمىمىي ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ جاھاندىكى توغرا يولدا قەتئىي مېڭىش ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭنىڭ تاشقى دۇنيانىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىماي، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتىنى نامايان قىلدى!
بۇ ئىشەنچ ۋە جاسارەتنى شىنجاڭ تەستە قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تولىمۇ شېرىن. ئۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قان - تەرى بەدىلىگە كەلگەن.
خۇددى پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاشىمى ئېيتقاندەك: «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ، ئۇ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۆھپە قوشۇش روھى ۋە جاپالىق خىزمىتىنىڭ ئىسپاتى».
«غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ»
بۇ ئىككى يىلدا، شىنجاڭ تۈركۈم - تۈركۈم چەت ئەللىك زاتلارنى شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشكە، ھەقىقىي، پەردازلانمىغان شىنجاڭنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈشكە، يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش بولمىغان شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگودا تۇرۇشلۇق نۇرغۇن ئەلچىلەرمۇ بار ئىدى.
مۇشۇ پەيتتە، قىسقا فىلىمدىكى تونۇش مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، تونۇشتۇرۇشتىكى خۇشاللىنارلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ، ئەلچىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ئەسكە ئالدى.
«جۇڭگو شىنجاڭ تۇپرىقىدا تۇرۇپ، بىز ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنىڭ، سودا ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچىنى ئەسكە ئالدۇق».
«2022 - يىلى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغاندا، مەن ئۆز ئۆيۈمگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدىم».
«شىنجاڭ تەدرىجىي جۇڭگودىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا».
«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك ئۇيۇشتى».
«كىشىلەرنىڭ قايتىدىن نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ».
پەقەت بۇ تۇپراققا قەدەم قويغاندىلا، شىنجاڭغا بولغان تەسىرات ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
«2023 - يىلى 2 - ئايدا جۇڭگو شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، مەن ئۆزئارا زىددىيەتلىك نۇرغۇن قاراشلارنى ئاڭلىغانىدىم.» جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې شېڭۋېن ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇنقى گاڭگىراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتتى.
ھالبۇكى، نەق مەيدانغا بېرىپ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ «كۆپ خىللىق ئىچىدە ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقى» «ياشلارنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغانلىقى»نى كۆردى.
«ئۈرۈمچى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىگە ئوخشىمايدىكەن، ناھايىتى زامانىۋىلاشقان شەھەر ئىكەن، خەلقى ناھايىتى مېھماندوست ئىكەن، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن مەندە ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇردى.» پەلەستىننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كاتىپى م. ۋائېل مۇنداق دېدى: پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا چوقۇم يەنە بىر قېتىم بارىمەن.
شۇنداق، پەقەت كەلگەندىلا، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىلا، شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئاشۇ گۇمان ۋە يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسى يوقايدۇ.
پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىكى سۆز قىلىش مۇنبىرىدە تۇرۇپ، سۇرىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خاسانى مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ».
«بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەقەززا»
ھۇجۇم قىلىش ۋە ئارازلىق تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئالماشتۇرۇش بىلەن ھەمكارلىقلا داغدام يول.
پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ھەرقايسى ئەلچىلەرنىڭ ئورتاق توختالغىنى ھەمكارلىق بولدى. ئەڭ تەقەززا بولغىنىمۇ ھەمكارلىق بولدى.
جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاغ - دەريالىرى تۇتاش بولغان قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويۇلغان جاي. بۇ يىللاردا ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستان تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە يەتتى.
قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە بېرىش - كېلىش نەتىجىلىرىنىڭ زور بىر قىسمى شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ پايدىسىدىن بولدى.
«قازاقىستان - جۇڭگو چېگرا ھالقىغان 3 - تۆمۈريول لىنىيەسى − ئاياگۇز - چۆچەك تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يۈك توشۇش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.» نۇرېشېف ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى قالتىس نەتىجىلەرنى ئىنچىكە ساناپ، قازاقىستاننىڭ يەنە 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ھەم جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن دوستانە ھەمكارلىق سۆھبىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇسا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى جۇڭگو شىنجاڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشتىكى موتور، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، «بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مول نەتىجىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا تەقەززا».
«ئىران شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگو ۋە غەرب بىلەن بولغان تۇتىشىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.» ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بەختىيار مۇنداق بىلدۈردى: ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە، ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى بار.
جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ھاشىمى مۇنداق دېدى: پاكىستان ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئادىمىيەت ئالاقىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى تاماق يېگەچ قىلىنغان قىزغىن پاراڭلار ئىچىدە ئاياغلاشتى. گەرچە ئىرقى ھەر خىل، تىلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما دوستلۇق رىشتى تۇتاشقان.
جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۈمىدنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئەلچىلەر بېيجىڭدا ئالاھىدە بىر كۈننى ئۆتكۈزدى. بۇ، دوستلۇقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى ھېسابلىنىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يېڭى باشلىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.