ئەلىشىر مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىخۇاڭ شىڭخەۋەر قىلىدۇ: ئەلىشىر ئۆمەر رېكورتنى يەنە بۇزۇپ تاشلىدى! 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى جاۋچىڭ بېكىتىدىكى ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، ئەلىشىر 20 سېكۇنت 72 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن تەييارلىق مۇسابىقىسىدە 1 - لىككە ئېرىشتى، بۇ يەنە ئۇ ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

2023 - يىلى 5 - ئايدا، ئەلىشىر مەملىكەتلىك U18 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 21 سېكۇنت 08 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى ياراتتى. شۇ يىلى 11 - ئايدا، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئۇ 45 سېكۇنت 71 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتى ۋە شىنجاڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەلىشىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئۆزى يېرىم ئاي بۇرۇن ياراتقان مەملىكەتلىك زال ئىچى ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش رېكورتىنى يېڭىلىدى.

بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ جاۋچىڭ بېكىتىدىكى مۇسابىقىدە، ئەلىشىرنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم تۈرى 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش بولدى. «ئەلىشىر ئەگەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە نەتىجە قازانماقچى بولسا، چوقۇم 200 مېتىر ۋە 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى كېرەك. ئىلگىرىكى مەشىق ئارقىلىق، ئۇ 200 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىمۇ خەلقئارا دەرىجىلىك تەنھەرىكەت ماھىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك سەۋىيەنى ھازىرلىدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1 - چوڭ ئەترىتى يېنىك ئاتلېتىكا قىسقا ئارىلىققا سەكرەش گۇرۇپپىسىنىڭ باش تىرېنېرى جاڭ ياڭ.

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسىدە، ئەلىشىر مۇسابىقىلىشىش ھالىتىگە كىرىپ، 20 سېكۇنت 72 دەقىقىلىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى، ئۇ يەنە تەييارلىق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلار ئىچىدە 21 سېكۇنتلۇق نەتىجە دائىرىسى ئىچىگە كىرگەن بىردىنبىر تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى. بۇ نەتىجە ئۇ بۇلتۇر ياراتقان شىنجاڭ رېكورتىدىن 0.36 سېكۇنت تېز بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، نەنجىڭلىق ماھىر لۇ شاڭبىن 14 يىل ساقلاپ كەلگەن 20 سېكۇنت 74 دەقىقىلىق ئەرلەر 200 مېتىرغا يۈگۈرۈش بويىچە مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. چۈشتىن كېيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ خوراپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەلىشىر مۇسابىقىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىدى.

ئەلىشىر ئىلگىرى زال ئىچى مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، بەدەن قۇۋۋىتى بەك خوراپ كەتكەن، ھازىرقى باسقۇچتا تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى 4 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 21 - نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار U20 يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت.