ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يۈنمېيخەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى ئۈچ يىلدا، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قوبۇل قىلغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر سانى يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى.

بۇ يىل، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆلىمى تەخمىنەن 173 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتىكى بېسىم يەنىمۇ ئاشىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىۋى تارماقلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، مەكتەپلەردە كۆپ خىل شەكىلدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى، بولۇپمۇ ئۆز رايوندىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى يوشۇرۇن كۈچىنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى ئېچىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەيدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قارىمىقىدىكى ساھە جەمئىيەتلىرى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ۋە سودا كارخانىلىرىنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ، ئىش ئورنىنى ئېچىۋېتىشكە كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ھەم كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەل كەسىپلىرى ھەمدە يېڭىدىن ئېچىلغان كەسىپلىرى قاتارلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنى «كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشقا بىرلىشىپ تەشكىللەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلار، باغچە رايونلىرى ۋە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ئىش ئورنى مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسىنى دەل جايىدا بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپتە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «10 مىڭ كارخانا مەكتەپلەرگە بېرىش» پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپتە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.