شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى:
«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئۈچۈن تارقاتقان قەرز پۇل جەمئىي 280 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى ئالدىنقى ئۈچ ئايدا، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئۈچۈن يېڭىدىن كۆپەيتكەن قەرز پۇل 64 مىليارد 938 مىليون يۈەن بولغان، 2023 - يىلى 1 - ئايدىن بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ تۈر بويىچە تارقاتقان قەرز پۇل جەمئىي 280 مىليارد 345 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپى ئۈچۈن تارقاتقان قەرز پۇل جەمئىي 245 مىليارد 383 مىليون يۈەن بولۇپ، %90كە يېقىننى ئىگىلىگەن.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، پىششىقلاش، ساقلاش، سېتىش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خاسلاشقان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، زاكازلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.
4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى جىگىسېن نۇر كەنتىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، تۈپ - تۈپ مايسىلار تۇپراقنى يېرىپ كۆكلەپ چىقتى، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى. «ھازىر مايسا يېتىشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى، ئادەم كۈچى قاتارلىقلارغا كېتىدىغان چىقىم ئىنتايىن زور، بەختىمگە يارىشا باغراش يېزا سودا بانكىسى كىرېدىت جەھەتتىن قوللىغاچقا، سەككىز پارنىكقا مايسا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇق سېلىپ بولدۇم» دېدى كەنت ئاھالىسى خۇي جىنلۇڭ.
يىل بېشىدا، خۇي جىنلۇڭ پارنىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولدى، لېكىن ھۆددە ھەققى، مايسا ئۇرۇقى تېرىش ھەققى، ئوغۇت ھەققى قاتارلىق ئالدىنقى مەزگىللىك تەننەرخ سېلىنمىسى بىرقەدەر زور بولغاچقا، قولىدىكى مەبلەغ يېتىشمىدى. باغراش يېزا سودا بانكىسى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنى 500 مىڭ يۈەن كىرېدىت مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجى كۆپ خىللىشىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز تۈردە مەھسۇلاتلارنىڭ مول بولۇش دەرىجىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئۆستۈردى.
پەيزاۋات قوغۇنى ۋە شىنمېي پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى گۆھەر. پەيزاۋات ناھىيەلىك يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «پەيزاۋات قوغۇنى قەرز پۇلى» ۋە «شىنمېي قەرز پۇلى»نى ئىجادىي يولغا قويۇپ، «ئىناۋەت + كاپالەت + رەنە» شەكلىنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرى ۋە مېۋە مەھسۇلاتى ۋاسىتىچىلىرىگە ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى بىر يىل، ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 40 مىليون يۈەن بولغان قەرز پۇل تارقاتتى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ كوپىراتىپ پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى 24 مىڭ دېھقان ئائىلىسى ۋە ۋاسىتىچىگە 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن پەيزاۋات قوغۇنى قەرز پۇلى ۋە شىنمېي قەرز پۇلى تارقاتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى يەنە پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، كىرېدىت كەسپىنىڭ «تورلاشقان، قەغەزسىز، ھەرىكەتچان، ئۆلچەملەشكەن» بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قارىمىقىدىكى ھەرقايسى يېزا سودا بانكىلىرى ۋە يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپلىرىنى توردىكى كىرېدىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ «بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئۇدۇللۇق ئىشلىتىش، ئۇدۇللۇق قەرز بېرىش، تەكرار پايدىلىنىش» ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپىغا كۈچ ۋە ئېنېرگىيە توپلاشقا يېتەكلىدى.