导航切换

ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

«كېلىڭلار، تېز كىرىڭلار، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، سەل سوغۇق - ھە!» «بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! يامغۇر ھەرقانچە قاتتىق ياغسىمۇ بىزنىڭ بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشىمىزنى توسۇۋالالمايدۇ.» «ھا ھا ھا، بىرگە بولسۇن، بىرگە بولسۇن، ھەممەيلەن خۇشال - خۇرام بولايلى...» 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ شۇيتاشەن كوچا باشقارمىسى ۋېيخۇجۇاڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى 7 - بىنا خۇشال كۈلكە سادالىرىغا چۆمگەنىدى.

سىرتتا يامغۇر توختىماي شىرىلداپ يېغىۋاتاتتى، رابىيەم تۇردىھاشىمنىڭ ئۆيى مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پېچىنە - پىرەنىك ۋە مېۋىلەرنى يېگەچ مۇڭدىشىۋاتاتتى.

رابىيەمنىڭ ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ قورغاس ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈردى، بۇ يەردە ئۇدا يەتتە يىل تۇردى، بۈگۈنكى كۈندە قىزى خىزمەتكە چىقتى، ئوغلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئانا - بالا ئۈچەيلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

«ئاپا، يەنە مېھمان كەلدى...» رابىيەمنىڭ ئوغلى ئەلى ئەخمەت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئارقا - ئارقىدىن كىرىپ كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. كىچىك ئۆسمۈر ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، ئالدىراش - تېنەش مېھمانلارنى ئىچكىرىكى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، ئاچىسى بىلەن بىللە مېھمانلارغا چاي قۇيدى.

«ئىنىم بايرامغا ئامراق، مېھمانلار كۆپ كېلىدۇ، كەيپىيات قىزغىن بولىدۇ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئائىلىمىزگە ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلىدۇ، بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىشنى ئويلايدۇ.» ئەلىنىڭ ئاچىسى تاجىنۇر ئەخمەت مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا ئاپامنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىشى ئاسانغا توختىمىدى، ئەتراپىمىزدىكى قوشنىلار دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

«بۇ بالا بەك ئىش ئۇقىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئاپىسى بىلەن كارىدورنى بىر قېتىم تازىلايدۇ، بىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى بەك ئىشچان، ھېچكىمنىڭ ئۆيدە بىكار تۇرغۇسى كەلمەيدۇ» دېدى مېھمان بولۇپ كەلگەن لى خۇڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يېنىدىكى قوشنىسى غۇلام ھەسەننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

«مەن ئىزچىل ۋېيخۇجۇاڭدا كاۋاپچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ھازىر سودام ناھايىتى ياخشى، بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن.» غۇلام مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم بىر كارخانا ئاشخانىسىدا ئىشلەيدۇ، ئىككىيلەن بوش ۋاقتىمىز بولسىلا قوشنىلارغا كۆپرەك ياردەم بەرسەك دەيمىز، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.

«ئەر - خوتۇن ئىككىمىز ئالدىراش بولۇپ كەتسەك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا ۋاقتىمىز چىقمايدۇ، ئوغلۇم بىلەن قىزىمنى قوشنىلار ياردەملىشىپ بېقىشىپ بەردى، تۇرۇۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولدى، بۇ يەردىن ئايرىلغۇمىز كەلمەيدۇ.» غۇلام مۇنداق دېدى: مەن ئۈرۈمچىدە پۇل تاپتىم، يۇرتۇم قەشقەردە چوڭ ئۆي سالدىم، لېكىن بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىم، قەشقەرگە ناھايىتى ئاز قايتىمەن.

7 - بىنادا 40 نەچچە ئائىلىلىك ئاھالە ئولتۇرىدۇ، ۋېيخۇجۇاڭدا ئاشخانا ئاچىدىغانلار، مېۋە - چېۋە ساتىدىغانلار، يايما يېيىپ كاۋاپ ساتىدىغانلار، يەنە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بار، ئۇلار ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدىغان ۋاقىت چىقىرالمايتتى، بايرامدا كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولدى، كىچىككىنە ئۆي بىردەمدىلا قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

كۆپچىلىك ئۇنى - بۇنى دېيىشىپ، خۇشال - خۇرام كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۆپچىلىك يەنە ئەڭ ئۈستى قەۋەتتىكى لى خۇڭنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ، خۇشال - خۇرام ئۇسسۇلغا چۈشتى.

بۇ يەردە خۇشال - خۇرام ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا، يەنە بىر بىنادىكى جاڭ چۇنيەن تېلېفون قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

جاڭ چۇنيەننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، بىناغا چىقىش بىلەنلا مېھمانخانا ئۆيدىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى، «گۈلى، بۇ پىرەنىكنى بەك ياخشى پىشۇرۇپسىز.» «ئېلىڭە، گۈلى ساڭزىنى تېخىمۇ ئوخشىتىدۇ...»

«بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز، بايرامدا ۋاقىت بولسىلا ئۆز ھۈنىرىمىزنى چىقىرىپ، ئۆزىمىز ئەتكەن مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تېتىپ باقىمىز» دېدى جاڭ چۇنيەن.

جاڭ چۇنيەننىڭ مىجەزى ئوچۇق، كۆڭلى تۈز، خۇش پېئىل ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە مېنىڭ ئىشىم بولسىمۇ كۆپچىلىك ياردەم قىلىدۇ، تۈنۈگۈن ئەلى ماڭا ياردەملىشىپ توك قوڭغۇرىقىنى ئورنىتىپ بەردى».

بىر چەتتە مېۋە يەۋاتقان ئەلى ئەركىن مۇنداق دېدى: «چۇنيەن ئاچام مېنىڭ ئۆز ئاچام. مەن توكچى، بالام تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغاندا بىز بۇ يەرگە كېلىپ تۇرغانىدۇق، ھازىر بالاممۇ چوڭ بولدى، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز».

سىرتتا يامغۇر يەنىلا يېغىۋاتاتتى، ئۆيدە كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى، بىر يەرگە جەم بولغان قوشنىلار تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى، ھەربىر ئادەمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەنىدى.