导航切换

خۇش پۇراققا تولغان 4 - ئايدا گۈل سەيلىسى ئىقتىسادى جانلاندى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

4 - ئايدا، ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى، ئاق زەپە چېچىكى، جىيىڭخۇا چېچىكى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن چېچەكلىدى، چىرايلىق گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گۈل سەيلىسى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا ئۆرۈك چېچىكى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، قويۇق باھار تۈسىگە كىردى، بۇ جاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىچىدە گۈل سەيلىسى قىلىدىغان قىزىق لىنىيە بولۇپ قالدى. ئىللىق قۇياش نۇرىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى مەنزىرە تاماشا قىلىپ خۇش پۇراق ھىدتىن ھۇزۇرلانسا، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، تاغدىكى باھار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. «بۇ يىل گۈللەر ناھايىتى ياخشى ئېچىلىپ، گۈل سەيلىسى قىلىدىغان <ياخشى يىل> بولدى.» 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ باڭ مۇنداق دېدى: ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونى راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىگىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەندى، ئەڭ گۈزەل پەيت يېتىپ كەلدى.

باھار شامىلى گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش ھىدىنى تارقاتتى، باھار يامغۇرى چاڭ - توزانلارنى پاكىزلىدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، نارات مەنزىرە رايونىدىكى ئاق زەپە چېچىكى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت تەرەققىيات باشقۇرۇش ئىدارىسى تىجارەت مەركىزى يېڭى تاراتقۇ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما دېجۈن مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەنزىرە رايونىدىكى ئاق زەپە كەڭ كۆلەمدە پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئالتاي تېغى ئالتۇنگۈلى، مامكاپ قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىدۇ».

يېقىندا، كورلا شەھىرىدىكى نەشپۈت چېچەكلىرى تولۇق ھۈپپىدە ئېچىلىپ بولدى، ئاۋات يېزىسىنىڭ 10 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت چېچەكلىرىمۇ ئېچىلىپ بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرىدۇ. شىخەنزە شەھىرىدە شاپتۇللار غۇنچىلاپ چېچەكلەش ئالدىدا تۇرماقتا، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كۈن نۇرى ئۇزاق چۈشىدىغان جايلاردا جىيىڭخۇا گۈلى غۇنچىلاشقا باشلىدى.

ھەرقايسى جايلار گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ «گۈل سەيلىسى ئىقتىسادى»نى جانلاندۇرۇپ، بايرامنى تەبرىكلەش ھەم مول ئاساسىي تېمىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، شۇ جاينىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىسى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساياھەت بايلىقىنى ساياھەتچىلەرگە تولۇق نامايان قىلىدۇ.

ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت پەسلىنى چۆرىدەپ، كۈنەس ناھىيەسى دالىدا قونۇش، كۇەيشەن، ناخشا - ئۇسسۇل، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. مەنزىرە رايونلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىن نارات مەنزىرە رايونىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىلنى يولغا سالدى، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەر نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، نارات ئايرودۇرۇمىنىڭ قونۇش ئىسپاتى بىلەن نارات مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلسا يېرىم باھالىق ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نەشپۈت چېچىكىنى چۆرىدىگەن يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرىسى، ئاخىرىلىرىدا باشلىنىدۇ، بۇ جايدا «نەشپۈت چېچىكى پورەكلەپ ئېچىلغان باھارغا مەدھىيە» ناملىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئىلمى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش، مىللىي مۇزىكا كۆرىكى، ۋېلىسىپىت مىنىش، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىل بۇ جاي گۈل سەيلىسى لىنىيەسى ھەم مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، گۈل سەيلىسى ئاساسىي تېما قىلىنغان تۆت لىنىيە، باھاردا نەشپۈت چېچىكى سەيلىسى قىلىدىغان ئالتە ساياھەت مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شىخەنزە شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى گۈل سەيلىسى بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى مۆلچەرلىدى، شۇ چاغدا تاۋيې مۇزىكا كېچىلىكى، مەنتاۋلىن بازىرى، دالا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى، «قېنىق گىرىم قىلىپ ياسىنىپ» خەنفۇنى ھېس قىلىش، شاپتۇل چېچىكى بەلگىسى ياساپ بەخت تىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىخەنزە جياڭجۈن تېغى لياۋجياڭ ئېكولوگىيە باغچىسى تۇنجى نۆۋەتلىك ئېلېكتىرونلۇق «گىلاس» بايرىمىنى بەرپا قىلىپ، بايلىق ئىزدەش، بەخت تىلەش، سەيلە - ساياھەت قىلىش، ناخشا - ئۇسسۇل قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى گۈل دېڭىزى ۋە مۇزىكا ئىچىدە باھارنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى.

«بۇ يىل، بىز تاۋيۈەن ساياھەت رايونىدا <ياش چېڭخۇا يولى> <تاۋيۈەن يىمېڭخۇا يولى>دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىلىق پىيادىلەر يولى بەرپا قىلدۇق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» شىخەنزە شەھىرى مەدەنىيەت - ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىغىن - كۆرگەزمە پىلانلاش مەسئۇلى ياڭ يېشۈ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ گۈل دېڭىزىغا كىرىپ، گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇراپ، گۈزەل سۈرەتلەرگە چۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىللىق باھار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشىنى قارشى ئالىمىز.