导航切换

شىنجاڭدىكى تۇنجى قوش ئۇچۇش-قونۇش يولى يۈرۈشتۈرۈلگەن ئايرودۇرۇم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 8-كۈنى

​CZ695X نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ

خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ جەنۇبىي ئۇچۇش يولىغا سىلىق قونۇشىغا ئەگىشىپ

بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ قوش ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ رەسمىي يۈرۈشۈش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى

شۇنىڭ بىلەن بىللە

بۇ ئايرودۇرۇم شىنجاڭدىكى قوش ئۇچۇش-قونۇش يولى يۈرۈشتۈرۈلگەن تۇنجى ئايرودۇرۇم بولۇپ قالدى


4-ئاينىڭ 8-كۈنى، CZ695X نۆۋەتچى ئايروپىلان خوتەن كۇنگاڭئايرودۇرۇمىنىڭ جەنۇبىي ئۇچۇش يولىغا سىلىق قونۇپ، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىغا قاراپ سىيرىلىپ ماڭماقتا. يۈەن زو فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى خوتەنكۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ جەنۇبىي ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3800 مېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىر، شىمالىي ئۇچۇش-قونۇش يولى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1310 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جەنۇبىي ئۇچۇش-قونۇش يولىغا ئەڭ چوڭتىپلىق ئايروپىلانبوئېن 200-757 تىپلىق ئايروپىلان ۋە ئوخشاش تىپتىكى ئايروپىلان ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي ئۇچۇش-قونۇش يولىغا كۆچكەندىن كېيىن، شىمالىي ئۇچۇش-قونۇش يولىدا قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، قوش ئۇچۇش-قونۇش يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى جەنۇبىي ئۇچۇش-قونۇش رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، ئاۋىياتسىيەقاتنىشىنى باشقۇرۇش خەتىرى چوڭ بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملاپ، قوش ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ دائىملاشقان، بىخەتەر، راۋان يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈرگەن.

خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شۈ جۈنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئايرودۇرۇم جەنۇبىي ئۇچۇش-قونۇش يولىغا كۆچۈپيۈرۈشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، باشقۇرۇش، مېتېئورولوگىيە، يول باشلاش، يول يۈزى، چىراغ نۇرى، ئوت ئۆچۈرۈش، داۋالاش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلەشمە يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىرلەشمە قوماندانلىق-كونتىرول مەركىزى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئايرودۇرۇمنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان 4047 قېتىم ئۇچۇپ-قونۇپ، 389 مىڭ 777 ئادەم قېتىم يولۇچى، 1 مىليون 561 مىڭ 945 كىلوگىرام يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش تاماملىنىپ، 2023-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %21.9، %9.65، %14.0 ئاشقان.

يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسىلىدە، خوتەن كۇنگاڭ ئايرودۇرۇمىدا 16 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، ئالتە ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، 26 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنايدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەننۆۋەتچى ئايروپىلانئۇچۇش-قونۇش سانى 32 ئايروپىلانقېتىم بولىدۇ.