خەلق گېزىتى پاتىگۈل ياسىننى ماختىدى!

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:


«خەلق گېزىتى» (2024-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى 13-بەت)

«ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىش باشلاندى، بەزىبىر تەييارلىقلارنى قىلىشىمىز كېرەك ......»

پاتىگۈل ياسىن

قولىدىكى خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپلا

ئەپچىللىك بىلەن موتوسىكلىتىغا مىنىپ

ئۆزىگە تونۇشلۇق شۇ ئورمان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى

پاتىگۈل ياسىن شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىدىن. چەرچەن ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى خېشى كارىدورى-تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى نۇقتىلىق رايون، ناھىيە بازىرى بىلەن قۇملۇق چەرچەن دەرياسىلا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. پاتىگۈل ياسىن كۆز ئالدىدىكى ئورمانلىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ يەر ئەسلىدە بىر پارچە قۇملۇق ئىدى، قاراڭ، ھازىر ئورمانلىق 129 مىڭ موغا يەتتى!

1998-يىلى

قۇملۇقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن

چەرچەن ناھىيەسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ

دەريانىڭ شەرقىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

2005-يىلى

پاتىگۈل ياسىن ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن

قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ

چەرچەن ناھىيەسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى

قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئايال ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى


چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتى بازىسىدا، پاتىگۈل ياسىنتېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنىئۇلاش ئېغىزىنى چىڭىتماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي فوتوسى

قۇملۇققا كۆچەت تىكىش ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى

كۆپچىلىك تۇنجى قېتىم تىككەن كۆچەتلەرنىڭ

​ئەي بولۇش نىسبىتى ئارانلا %30تىن %50كىچە بولدى

شۇڭا ھەر يىلى قايتا تولۇقلاپ تىكىشكە توغرا كېلەتتى

كۆچەتلەر ئەي بولغاندىن كېيىنكى مەزگىلدىكى پەرۋىشمۇ ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا

پاتىگۈل ياسىن خىزمەتداشلىرى بىلەن

ھەر كۈنىتېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسىنىڭمۇكەممەل ياكى مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى

يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ قانداق ئۆسكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇراتتى

پاتىگۈل ياسىن. سۆرەتنى چەرچەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

كۆپ يىل كۆچەت تىكىش جەريانىدا

پاتىگۈل ياسىننىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشى

قۇملۇقتىكى كۆچەتلەرنىڭ قانداق ئۆسۈشىبولدى

2017-يىلى، ئۇ دورا چېچىشمەشغۇلاتى قىلىدىغانئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ

خېدۇڭ ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش بازىسىنى ئۈستىدىن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

«قۇملۇقتىكى ئۇزۇن يېشىل بەلباغنىڭ ئالدىغا قاراپ ئۇزارغانلىقىنى كۆرۈپ،

بىزنىڭ قالتىس ئىش قىلغانلىقىمىزنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم».


\چەرچەن ناھىيەسى خېدۇڭ ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش بازىسىنى ساياھەت سۇپىسىدىن قارىغاندا، بىر كۆكەرتىش ئورمان بەلبېغى قۇملۇق بىلەن ناھىيە بازىرىنى ئايرىپ تۇرغانلىقى كۆرۈنەتتى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ فوتوسى

نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشى ئارقىلىق

چەرچەن ناھىيەسى تەدرىجىي ھالدا چەرچەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇق رايونىدا

شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى بىر كىلومېتىردىن يەتتە كىلومېتىرغىچە

جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 23 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېكولوگىيە كارىدورىبەرپا قىلىپ

قۇملۇقنىڭ ئۇپرىتىشىنى ئۈنۈملۈك توستى

ھەر يىلى ئەتىيازدا

چەرچەن ناھىيەسى يەنە پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى كۆچەت تىكىشكە تەشكىللىگەن بولۇپ

ھازىرغىچە كۆچەت تىكىشكە 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قېتىم قاتناشتى


پاتىگۈل ياسىن خىزمەتدىشى بىلەن خىزمەت قىلماقتا (ماتېرىيال رەسىم). مەنبە: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار ئاۋازى

يېقىندا

شىنجاڭ 2024-يىللىق 1-نومۇرلۇق ئورمان باشلىقى بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ

داۋاملىق يېشىللىق بەرپا قىلىشنى ماقۇللىدى

بۈگۈنكى كۈندە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپىدا

ئۇزۇنلۇقى 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان

يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى شەكىللەندى

«ھازىر، ئەڭ ئاخىرقى 285 كىلومېتىرلىق ئورمان تولۇقلانسىلا، پۈتكۈل تەكلىماكاننى ئايلانغان قۇملۇقنىڭ قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىتۇتاشتۇرۇلىدۇ، چەرچەن ناھىيەسى مۇشۇ 285 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىغا جايلاشقان». پاتىگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز خېدۇڭ ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش بازىسىدا 20 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىمىز، مېنىڭ گۈرجەكنى قولۇمغا ئالغۇدەك مادارىم بولسىلا، داۋاملىق كۆچەت تىكىمەن».

شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن تەرجىمە قىلىندى