شىنجاڭ 510 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ، توغراقلىققا سۇ تولۇقلاشنى پىلانلىدى

日期:2024年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بۇ يىل 510 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ، تارىم دەرياسى ۋادىسى بويىدىكى توغراقلىق رايونىغا سۇ تولۇقلاشنى پىلانلىغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاش خىزمىتىدە تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن» سۇ بايلىقى شارائىتى تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىغا كەلگەن سۇ مىقدارى يېقىنقى ئون يىلدا كەلگەن ئوتتۇرىچە سۇ مىقدارىدىن يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدە سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ھەم ئورمانلار ئارا يۈرۈشلەشتۈرۈپ سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇۋاپىق پەيتتە «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن» توغراقلىق رايونىغا كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ مۇۋاپىق دەرىجىدە سۇ تولۇقلايدىكەن.

تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن» ئايرىم - ئايرىم ھالدا تۆت ئېقىن مەنبەسى بولغان يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قايدۇ - كۆنچى دەرياسى ھەمدە تارماق ئېقىن ھاسىل قىلمايدىغان تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىن ئىبارەت. تارىم دەرياسىنىڭ دەريا بويلىرىغا تارقالغان 10 مىليون مودىن ئارتۇق توغراقلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە توسىقى.

«چوڭ دەرياغا سۇ كېلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ئېكولوگىيەلىك سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.» تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تەن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلقى 510 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاش خىزمەت ۋەزىپىسىدە، يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى، قايدۇ - كۆنچى دەرياسى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 60 مىليون كۇب مېتىر، 5 مىليون كۇب مېتىر، 40 مىليون كۇب مېتىر، 89 مىليون كۇب مېتىر، 316 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2023 - يىلى، شىنجاڭ سۇ ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كەلكۈن سۈيى بايلىقىدىن پايدىلىنىش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، كەلكۈن سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 2 مىليارد 20 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەلكۈننىڭ «ئالدىنى ئالالايدىغان بولۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن»دىن توغراقلىق رايونىغا 1 مىليارد 103 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى باشلىنىپ سۇ تولۇقلاندى، كۆلەمدىكى توغراقلىققا كەلكۈن سۈيىنى باشلاپ سۇ تولۇقلاپ، باستۇرۇپ سۇغىرىلغان كۆلەم تەخمىنەن 2 مىليون 720 مىڭ مو بولدى، توغراقلىقتىكى سۇ تولۇقلانغان رايوننىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %4.3 ئاشتى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەلكۈن سۈيىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جانلىق تەقسىملىنىدىغان سۇ مىقدارى بويىچە تەقسىملەش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىق ساھەسى مۇلازىمىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.