导航切换

شىنجاڭلىق تاغا «قۇشلار تىلى» ئارقىلىق باھارنى ئويغاتتى

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:

سىكاننېرلاپ سىننى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ

4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسى ئىللىق باھار نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، ئۆزگىچە جەزبىدارلىق دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولغانىدى. زۇمرەتتەك سۈزۈك جيەنخۇ كۆلى بويىدا، ساياھەتچىلەر ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ ئارام ئېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قۇشنىڭ زىل ۋە مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى سۈزۈك ئاسماننى يېرىپ ئۆتتى، كىشىلەر قىزىقىپ دەرەخ شېخىغا قارىدى، تېخى ئەمدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان شاخلاردا قۇشلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپنى ئىزدەپ، ئاندىن «ئاۋاز مەنبەسى»نىڭ ئاسمانغا قاراپ قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى دوراۋاتقان تاقىرباش تاغىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تاغا تېخىمۇ كۈچەپ دوراشقا باشلىدى، بىردەم ئاققاش قۇشقاچنىڭ سايرىشى، بىردەم كاككۇكنىڭ سايرىشىنى دورىدى، ۋىچىرلىغان ئاۋازلار ئەتراپنى بىر ئالدى.

جيەنخۇ كۆلى ئالدىدىكى بوش يەر ۋاقىتلىق سەھنىگە ئايلاندى، تاغا بىر تەرەپتىن نومۇر كۆرسەتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، «قانداق ھەدە، ئوخشاتتىممۇ؟» «ئوخشىدى!» بىر چەتتە تۇرغان موماي باش بارمىقىنى چىقاردى. «مەن يەنە سىلەرگە بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىنى دوراپ بېرەي.» بىردىنلا، تاغ جىلغىسىدىكى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. «يەنە قانداق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇڭلار بار؟» تاغا «تاماشىبىن»لاردىن تەلەپ قىلىشىنى سورىدى، خورازنىڭ چىللىشى، بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى، راكېتا شەكىللىك پوجاڭزا ئاۋازى... ئۇنىڭ ئەينەن دورىشى ئالقىش سادالىرى ۋە ماختاشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا باغچىغا كىرگەن كىشىلەرگە باھار ئېلىپ كەلگەن كۈتۈلمىگەن سالامنى يەتكۈزدى.

شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات كەسپىنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ جەندۇڭ بىلەن ئىككى ساۋاقدىشى نەق مەيداندا بۇنىڭغا «مەپتۇن» بولدى، ئۇلار يان تېلېفونىدا تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالغان بۇ «ئويۇن»نى سۈرەتكە ئېلىۋالدى ھەم تاغا بىلەن ئۆزئارا ۋىيشىنلىرىنى قوشۇپ، يول بويى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باغچىدا سەيلە قىلىپ، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

بۇ تاغىنىڭ ئىسمى ئابلىز مۇسا بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدە خىزمەت قىلاتتى، ئېغىزدا دوراش ماھارىتى ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ھەۋىسى ئىدى. كىچىكىدە شىخەنزىنىڭ يېزىسىدا تۇرمۇش كەچۈرگەن ئابلىز ئاۋازغا نىسبەتەن ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە سەزگۈر ئىدى. «ئۇ چاغلاردا ياز كېلىشى بىلەنلا، ھويلىدا ئۇخلايتتىم، سەھەردە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتەتتىم.» ئىسقىرتىشتىن تارتىپ قۇشلارنىڭ سايرىشىنى ئۆگىنىش، ئەتراپتىكى ھەر خىل ئاۋازلارنى دوراشقىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋازنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ناھايىتى ئاسانلا تۇتۇۋالالايدىغانلىقىنى ھەمدە بەئەينى دورىيالايدىغانلىقىنى بايقىدى. «ئىتنىڭ قاۋىشىدىنلا، كۈچۈكتىن ئىتقىچە ئون خىلدىن ئارتۇق ئاۋازنى تەقلىد قىلىپ دورىيالايمەن.» دەسلەپتە، ئۇ بۇنىڭ بىر خىل ئالاھىدە تالانت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ تېلېۋىزوردىن ئېغىزدا دوراش ماھارىتى نومۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىگىلىيەلەيدىغان ماھارەت ئىكەنلىكىنى بىلدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى.

ئابلىز ۋىيشىندا ئۆزىگە «قۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم» دەپ ئىسىم قويدى، ئۇنىڭغا ئاۋاز دوراشنى ئۆگەتكەن ئۇستاز تەبىئەت ئىدى، «مەن تەبىئەتتىكى ھەر خىل ھايۋانلارنى كۆزىتىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن.» بەزى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قانمىسا ياكى دەماللىققا ئالاھىدىلىكىنى تۇتالمىسا، ئۇ ئۈنگە ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ قايتا - قايتا ئاڭلايتتى. تېلېۋىزوردا قويۇلغان «ھايۋانات دۇنياسى» ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىروگرامما ئىدى. تىلى ۋە كالپۇكىنىڭ سېزىمچانلىق دەرىجىسى ۋە يۇمشاقلىق دەرىجىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇ ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيتتى، ھاراق ئىچسىمۇ پەقەت ئاز مىقداردا پىۋا ئىچەتتى. ئابلىز يەنە ئۇستاز تۇتمايمۇ ئاۋاز دوراشنى مەشىق قىلالايدىغان بىر يۈرۈش نەپەس ئېلىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، ئۈزلۈكسىز مەشىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق، 50 نەچچە خىل ئاۋاز دوراش ماھارىتىنى ئىگىلىدى، بۇ، ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىنى، ئادەملەرنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۆزگىرىشىنى دوراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇشلارنىڭ سايراش ئاۋازىدىنلا 20 نەچچە خىلى بار.

ئۈرۈمچىدە ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، ئابلىز ئاۋاز دوراش قابىلىيىتى ۋە ماھارىتىنى دەسلەپتە پەقەت دوستلار يىغىلىشى، توي قاتارلىق سورۇنلاردىلا كۆرسەتتى. 2006 - يىلى، ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «پۇقرالار ھېكايىسى» پىروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئابلىزنىڭ داڭقى چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئويۇن كۆرسىتىشكە توختىماي تەكلىپ قىلىندى.

2008 - يىلى، جۇڭشەن داشۆ جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىقات مەركىزى ئۇنى مەخسۇس نومۇر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى، نەق مەيداندىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ئۇنىڭ ئاۋاز چىقىرىشقا ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق جابدۇقلاردىن پايدىلانماي، پەقەت ئېغىز، كالپۇك، تىل، كېكىردەك، بۇرۇن قاتارلىق ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرى ئارقىلىق ئورۇنلىغان ئاۋاز دوراش ماھارىتىدىن ئەۋرىشكە ئالدى ۋە ئۇنى ئاۋازغا ئالدى، تەھلىل قىلدى. «شۇ كۈندىكى ياڭراتقۇ ئۈسكۈنىلىرى بەك ياخشى ئىكەن، نەق مەيداندىكى مۇتەخەسسىسلەر مېنىڭ نومۇرۇم ئۈچۈن كۈچەپ چاۋاك چالدى» دېدى ئابلىز.

2011 - يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېزا - كەنت دۇنياسى» پىروگراممىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى 143 - تۇەنىدە سۈرەتكە ئېلىندى، ئابلىزنىڭ ئاۋاز دوراش ماھارىتى نومۇرى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى، نەق مەيداندا كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى. «بۇنداق ئاۋاز دوراش ماھارىتى نومۇرىنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن.» رىياسەتچى فۇ يۈلۇڭ ئۇنىڭ بۇ خىل پەقەت ئېغىزغىلا تايىنىپ ئەينەن دوراپ نومۇر كۆرسىتىش ئۇسۇلىغا ھەيران قالدى.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نومۇر ئورۇنلىغاندا ياكى كاماندىروپكىغا چىققاندا، ئابلىز ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مول يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاۋازلارنى توپلىدى. خەينەندە دەم ئالغاندا، توزنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە ھايۋانات باغچىسىدا يۈردى، باغچىدىكى چوڭ - كىچىك توزلار ئۇ دورىغان توزنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ توپلاشقاندىلا، ئۇ ئاندىن مەمنۇنلۇق بىلەن ئايرىلدى.

«ئېغىزدا دوراش ماھارىتىنى قانچە چۈشەنگەنسېرى، ئۇنىڭ يەككە ھالدىكى بىر خىل ئاۋاز ماھارىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل سەنئەتلىك ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى شۇنچە ھېس قىلدىم.» بېيجىڭدا، ئابلىز يەنە ئېغىزدا دوراش ماھارىتى بويىچە نومۇر كۆرسىتىش سەنئەتكارى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بويىچە ئېغىزدا دوراش ماھارىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى نيۇ يۈلياڭنى زىيارەت قىلدى، ئىككىيلەن باغچىدا ماھارەت بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا كېلىشتى، نيۇ يۈلياڭ مۇئەللىم ئۇنىڭ ئېغىزدا دوراش ماھارىتى نومۇرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، ئۇنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئېغىزدا دوراش ماھارىتى ئۇزاق قەدىمكى زاماندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كىشىلەر ئوۋ ئوۋلىغاندا ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىنى دوراپ، ئولجىنى ئالداپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەن. جەنگو مەزگىلىدە، «مېڭ چاڭجۈننىڭ كېچىدە خەنگۇگۈەنگە بۆسۈپ كىرىشى» دېگەن ھېكايىدە، ئىلگىرى «ئەرزىمەس ھۈنەر» دېيىلگەن ئېغىزدا دوراش ماھارىتى ھەربىي ئىشلاردا قوللىنىلغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئېغىزدا دوراش ماھارىتى خېلى پىشىپ يېتىلگەن ئورۇنلاش سەنئىتىگە ئايلىنىپ، ئادەتتە «گېبىشى» دەپ ئاتالغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە «بەيشى ماھارىتى»نىڭ بىر تۈرىگە ئايلانغان. «ئۆي قۇشلىرى، تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ ئاۋازى چىقىدۇ بىر تەندىن، ھەممە ھەيران قالار راست - يالغاننى پەرق ئېتىشنىڭ تەسلىكىدىن»، ئېغىزدا دوراش ماھارىتى يۇقىرى ماھارەتتە ۋە كامالەتكە يەتكۈزۈلۈپ ئورۇندىلىنىپ دۆلىتىمىزدىكى ھەممە ئالقىشلايدىغان بىر خىل ئورۇنلاش سەنئىتى بولۇپ قالدى.

يول بويى ئابلىزغا ئەگىشىپ باغچىدا ئاستا ماڭغاچ، ئۇنىڭ پات - پات قۇشلارنىڭ سايرىشىنى دوراپ، يولدىن ئۆتكەنلەرنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەشكە سالغانلىقىنى ياكى يىراقتىكى شاخلاردىكى قۇشلارنى سايراپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا قىزىقتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈچ نەپەر داشۆ ئوقۇغۇچىسى تېخىمۇ قايىل بولدى، يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنى دوراپ ئىسقىرتىپمۇ باقتى، ئەپسۇس ئاجىز ئىسقىرتقان ئاۋازنىلا چىقىرالىدى، «بەك تەس ئىكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە <ئېغىزدا دوراش ماھارىتى> دېگەن تېكىستنى ئوقۇغان، بۇ قېتىم ئابلىز تاغىنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ، بۇ ماھارەتنىڭ قالتىسلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ليۇ جەندۇڭ.

قۇشلار يىراقتىكى دەرەخ شېخىدىن ئاۋازنى ئاڭلاپ كېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى دەرەخكە قونۇپ سايراۋاتاتتى. ئابلىز مۇنداق دېدى: «بۇ سېرىق تۇمشۇق تۇردۇس قۇشىنىڭ ئاۋازى، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە بۇنداق قۇشنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇ بىرنەچچە يىلدا ئېكولوگىيە - مۇھىت ياخشىلاندى، قۇشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇنلىرى ئىلگىرى يوق ئىدى.» ئۇ دورىغان قۇش ئاۋازى بەك ياڭراق بولۇپ، ھەتتا باغچىدىكى ھەقىقىي قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ چۈشەتتى.

«ئېغىزدا دوراش ماھارىتىدىن ئىبارەت بۇ خىل سەنئەت شەكلىگە گەرچە كىشىلەر كىچىك دائىرىدە قاتنىشىدىغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىگە گۈزەل بولغان كۆرۈش - ئاڭلاش ھۇزۇرى بېغىشلايدۇ ھەم شۇ نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. نۇرغۇن كىشى مەندىن ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى ئېيىتتى، مەنمۇ دوراش ماھارىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ دوراش ماھارىتى ئىشخانىسى قۇرۇپ، بۇ ھۈنەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئابلىز.