导航切换

نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا شىنجاڭ مۇنداق قىلىدۇ

日期:2024年04月10日
来源:天山网
【字体:

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شۈ چىڭگۇاڭ

«تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش» «نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش نېفىتلىك ئېچىشنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى» «نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش»...

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى(شىنجاڭ تەتقىقات يۇرتى)دىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلار ئېلان قىلىندى ھەم ئىككى ئاكادېمىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان كۆپلىگەن ئاكادېمىك «شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇش» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ دوكلات بەردى.

ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئىككى ئاكادېمىيەدىكى 14 ئاكادېمىك ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى، دوكلات بېرىش يىغىنى ئەمەلىي قىممەتكە تولغان، سالمىقى يېتەرلىك بولۇپ، شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مول نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىدىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئېرىشىش، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئېرىشىشتەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى تارقاتتى.

نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش.

نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ

ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە، نېفىت - تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بولسا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ يادروسى. دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت بايلىقى مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا، تەبىئىي گاز بايلىقى مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدۇ. نېفىت - تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا مۇقىم تۇردى. دۆلىتىمىزنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىستراتېگىيەلىك يولى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نېفىت زاپىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي قوشۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

خەلقئارا بازار رىقابىتى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، قانداق قىلغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ؟ ئېنېرگىيە چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭ ئورنىنى قانداق بېكىتىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە قانداق رول ئوينايدۇ؟

پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ئىچكى موڭغۇل «دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى» قۇرىدۇ، سەنشى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق تىرىشىپ «مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى» بولىدۇ، چىڭخەي مەۋقەنى ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، «دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى ئېگىزلىكى» بەرپا قىلىدۇ، شىزاڭ ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ كەمتۈكلۈكلەردىن ساقلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى» قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ...

شىنجاڭمۇ ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش»نى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»دىكى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى.

دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى بەرپا قىلىدۇ

نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى نۇقتىلىق بەرپا قىلىنغان دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلەت تەجرىبىخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم پەن - تېخنىكا كۈچى بولۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا يۈزلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى.

2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى؛ 2024 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بېيجىڭدا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنى ئورتاق قۇرۇش رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ 2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى (شىنجاڭ تەتقىقات يۇرتى)دىكى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كادىرلار ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چېڭ قوشۇمچە خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى (شىنجاڭ تەتقىقات يۇرتى) پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىقىغا تەيىنلەندى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى سۈن لۇڭدې خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى.

رامكا كېلىشىمى بويىچە، ئۈچ تەرەپ «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، تەڭ نەپ ئېلىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم، سىياسەت مەدىتى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، پەن تەتقىقات ۋەزىپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. ئۈچ تەرەپ شىنجاڭ بازىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇقتا بىلەن دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى دىققەتنى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە ئۆزگىچە نېفىت - تەبىئىي گازنى ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاش ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىش، پەۋقۇلئاددە نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاش - ئېچىش، كونا نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئۆزگىچە نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، «گالنى بوغىدىغان» بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەر بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق قەدىمىنى تېزلىتىدۇ

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭ بىلەن گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر مەركەز كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش مەقسىتىدە، باھار بايرىمىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئون نەچچە مەركەز كارخانىسىدا كەينى - كەينىدىن زىيارەتتە بولدى.

شىنجاڭ كەڭ مەركەز كارخانىلىرى رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان، تەرەققىي قىلىپ زورىيىدىغان كەڭ سەھنە. دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرگەندە، نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسى مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىدىكى تېخىمۇ نۇقتىلىق ساھە.

تارىخقا نەزەر سالساق، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىك شۆبە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، بۇ ئۈچ چوڭ نېفىتلىك دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ھازىرغا نەزەر سالساق، 2022 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا كەينى - كەينىدىن كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تۈر، زور سېلىنما ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، يېشىل ھىدروگېن، يېشىل توك قاتارلىق تۈرلەرنى چۆرىدەپ، 114 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەركەز كارخانىلىرى نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش، ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويدى، بۇ، شىنجاڭدا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

ھازىر، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتماقتا؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن شىنجاڭ شىيۈ نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش چەكلىك شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، شىنجاڭدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ؛ شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە پاي قوشۇپ، نېفىت - تەبىئىي گازنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى قۇرۇلۇش تىجارىتىگە پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇنماقتا...

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش ۋە نېفىت - تەبىئىي گازنى ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە جىپسىلاشتۇرۇپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىشىنىمىزكى، ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ۋە قېزىشتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق ئىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشساقلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى «شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش»نىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشالايمىز.