导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

日期:2024年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20 ـ قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ دوۋ ۋەنگۇينى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 ـ يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.