4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ شىنشىڭ ئەرداۋخۇ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا. بۇ تۆمۈريول شۇ جايدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروتى مەخسۇس لىنىيە قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، قومۇل شەھىرى بىلەن شىنشىڭ شەھىرى چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان، دۆلەت تۆمۈريولى III دەرىجىلىك ئېغىر تىپتىكى رېلىسلىق ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 23.8 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى