1 - پەسىلدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 41 مىليون 13 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.88 ئاشقان؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 43 مىليارد 744 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.8 ئېشىپ، 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

1 - پەسىلدە شىنجاڭدا قار - مۇز ساياھىتى قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي، جىكپۇلىندىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا، 2023 -، 2024 - يىللىق قار پەسلىدە قار تېيىلغانلار جەمئىي 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ھەرقايسى جايلار يەنە «قار تېيىلىش + قار تاماشا قىلىش» «قار تېيىلىش + ئارىشاڭ» «قار تېيىلىش + خەلق ئۆرپ - ئادىتى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ، ساياھەتچىلەرنى قار - مۇز خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىلەندۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «قار - مۇز گۈزەل مەنزىرىسى . جەلپكار ئىلى»نى باش تېما قىلىپ، ناراتتا ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا قار تېيىلىش، موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يېرىدىكى تۇمان سۆڭگىسى، كۆلدەنەڭدە قار كېچىپ شەمشاد ئىزدەش، تېكەس قار كەنتىدىكى باغ سەيلىسى، ئىلى دەرياسى قوش شەھەر پانۇس سەيلىسى قاتارلىق 50 نەچچە تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى.

چېچەك سەيلىسى قار - مۇز ساياھىتىگە ئۇلىشىپ، ئەتىياز پەسلىدىكى ساياھەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاجىزلاشمىدى. «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، گۈلگە پۈركەلگەن تۇرپان» تېمىسىدىكى 2024 - يىللىق تۇرپان ئىدىقۇت ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى تەشكىللەندى، باھار سەيلىسىدە گۈل تاماشا قىلغاندىن باشقا يەنە، بازارغا بېرىش، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرى سەييارە كوچا ئويۇنى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، ئىدىقۇت رايونى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىسى تەخمىنەن 377 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، 132 مىليون 248 مىڭ 700 يۈەن ساياھەت كىرىمى ياراتتى. 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭ قەشقەر «پامىر ساداسى» مىللەتلەر مۇزىكا بايرىمى ھەم ئېگىزلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، چېچەك سەيلىسى قىلىشقا كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. شيېچېڭ تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3 - ئايدا، شىنجاڭدىكى ئىلى، قەشقەر ساياھەتچىلەر ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىدىغان ئاۋات مەنزىلگاھقا ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزاق لىنىيەلىك چېچەك سەيلىسى مەنزىلگاھلىرى ئارىسىدا قەشقەرنىڭ زاكاز تالونى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %241 ئاشقان.

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ قويۇپ بېرىلدى. بۇ يىل مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىنىڭ 2024 - يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانى تۇنجى قېتىم قەشقەردە تەسىس قىلىندى، بۇ، قەشقەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەشقەرگە كېلىپ قەدىمىي شەھەرنى ئايلىنىش، باھار بايرىمىلىق كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. شۆبە مەيدان سەھنىسى باھار بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، ساياھەتچىلەر بەس - بەستە داكا قىلىدىغان ئاۋات جايغا ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يەنە «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان 1300 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئويۇننى كۆرگەنلەر 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.