«بىر جەدۋەل» ئاساسىي قاتلامنى «جەدۋەل تولدۇرۇشتىن باش كۆتۈرەلمەسلىك»تىن قۇتۇلدۇردى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

26 تارماقنىڭ سانلىق مەلۇماتى توپلاندى، توپلاش ئۈنۈمى %80 ئاشتى

«بىر جەدۋەل» ئاساسىي قاتلامنى «جەدۋەل تولدۇرۇشتىن باش كۆتۈرەلمەسلىك»تىن قۇتۇلدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، قاراماي، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىكاڭ خاۋيەنخەۋەر قىلىدۇ: تۆت يىل ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، قاراماي شەھىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش بويىچە «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا «مەلۇمات جەدۋەللىرى كۆپ بولۇش» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە «جەدۋەل تولدۇرۇشتىن باش كۆتۈرەلمەسلىك»تىن «ئاممىنى چۆرىدەپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«بۇ يىل بىز <بىر جەدۋەل> ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلۇت تېرمىنالى ئورۇنلاشتۇرۇش، يان تېلېفون تېرمىنالىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلارنى نۇقتىلىق ئىشقا ئاشۇرىمىز.» 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، قاراماي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى بەي جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلغاندا، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، شەھەرلەر مۇلازىمېتىر قاتارلىق قاتتىق ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەچكە، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، تەننەرخىمۇ يۇقىرى ئىدى.

شۇڭا، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاش بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. نۆۋەتتە، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، شەھەرلەر بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش، ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

ھەر پەسىلنىڭ ئاخىرى ئاساسىي قاتلامدىكىلەر مەلۇمات جەدۋىلى يوللاش بىلەن ئالدىراش بولىدىغان مەزگىل، لېكىن قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى يىڭبىن كوچىسى ياديەننا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى پىششىق، «بىر قېتىم كىرگۈزۈپ تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى دەرھال ئارقا سۇپىدىن نۇرغۇن سۇپىغا تارقاتقىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ خىزمەت مىقدارىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى».

يۈەن جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يىل ئاخىرى، پەسىل ئاخىرىدا مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىغاندىن باشقا، مەھەللىمىز تەۋەسىدە 8000دىن ئارتۇق ئاھالە بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 20دىن ئارتۇق ئاھالىگە كۆچمە نوپۇس، چوڭ ياشلىقلار ياردەم تولۇقلىمىسى، ئەمگەك كاپالىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىپ بېرىمىز، «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى سۇپىلار ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈش، ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، كۆپ سۇپا ئارقىلىق بىر - بىرلەپ ئۇچۇر كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بۇ ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ «پۇت - قولى»نى تولۇق ئازاد قىلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئاھالىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە سەرپ قىلالايدىغان بولدى.

2020 - يىلى، قاراماي شەھىرى مەملىكەت بويىچە 1 - تۈركۈمدە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى، شۇ يىلى 11 - ئايدا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش بويىچە «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى قاراماي شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ قوللىنىلدى. «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات سىستېمىلىرىنى توپلاش، ئورگانىك بىرىكتۈرۈش، ئالماشتۇرۇپ ھەمبەھرىلىنىش ئارقىلىق، 26 تارماقنىڭ ھەمبەھرىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاپ، ھەرقايسى مەھەللە (كەنت)لەرنىڭ ئۇچۇر توپلاش مىقدارىنى %77 تۆۋەنلىتىپ، ئۇچۇر توپلاش ئۈنۈمىنى %80 ئۆستۈردى.

نۆۋەتتە، بۇ سىستېما پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك كېڭەيتىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كومپيۇتېر، يان تېلېفون APPسى، كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالى كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تېرمىنال ئېغىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ سىستېمىغا ئۇلىغىلى بولىدىغان بولدى، ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملار ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندا، بىر يان تېلېفون بىلەنلا ئۇچۇر سېلىشتۇرۇش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان بولدى، بۇ ئاساسىي قاتلام سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش قىيىن بولۇش، تەكرار خاتىرىلەش، كۆپ تەرەپكە يوللاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

بەي جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: قاراماي شەھىرى «بىر جەدۋەل» ئارقىلىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا قۇرۇلمىسى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى سىستېمىسى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قورال ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى بولغان سانلىق مەلۇمات ئىدارە قىلىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىدۇ.