48 يىللىق كونا نېفىت زاپىسىنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇتۇلدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ نېفىتلىكى «كونا نېفىت رايونلىرىنى تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى

48 يىللىق كونا نېفىت زاپىسىنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇتۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىيۈ جياڭيەن،ئىختىيارىي مۇخبىرگۇ شېڭخەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ۋە يېڭى ئېچىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ نېفىتلىكى نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتى 8 - رايونىنىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسى نېفىت زاپىسىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 12 گورىزونتال قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرىچە يەككە قۇدۇقتىن كۈندىلىك نېفىت ئېلىش مىقدارى 12 توننىدىن يۇقىرى بولۇپ، قوشنا ئورۇندىكى تىك قۇدۇقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن 2.5 ھەسسە ئاشتى، ئومۇمىي ئېچىش ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

8 - رايون نېفىت زاپىسى ئەڭ بۇرۇن 1959 - يىلى ئېچىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسى نېفىت زاپىسى 1976 - يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 48 يىل بولدى. شىنجاڭ نېفىتلىك چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتى سۇيۇق نېفىت ئېچىش تەتقىقات ئورنىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى ۋۇ شىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسى نېفىت زاپىسى مەسىلە ۋە يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى گەۋدىلىك بولغان مۇرەككەپ قۇرام تاش قاتلىمى نېفىت زاپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان تەتقىقات ئىزچىل توختاپ باقمىدى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسىدىكى نېفىت زاپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم شىفىرلاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىپ، تۆت يۈرۈش ئېچىش قاتلىمى سىستېمىسىغا ئىنچىكە ئايرىلىپ، كۆپ خىل شەكىل قوللىنىلىپ، نېفىت زاپىسىنى ئېچىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. 2022 - يىلى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «كونا نېفىت رايونلىرىنى تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، شىنجاڭ نېفىتلىكىدىن ئىككى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تاللاپ كىرگۈزۈلدى، نېفىت ئېلىش 2 - زاۋۇتىنىڭ 8 - رايونى شۇلارنىڭ بىرى.

«سىلانېتس مېيى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە نېفىت زاپىسىنى ئېچىش پىكىر يولىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسىدىكى نېفىت زاپىسىدا گورىزونتال قۇدۇقتا كۆپ باسقۇچلۇق قاتلام يېرىش ئارقىلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى.» شىنجاڭ نېفىتلىك چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتى سۇيۇق نېفىت ئېچىش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيەن چۇەنچۇەن مۇنداق بىلدۈردى: 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسىدىكى نېفىت زاپىسىنى ئېچىشقا قارىتا، «سۇ بېسىپ كەتكەن قەۋەتنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈپ ئېتىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش + پەرقلىق قاتلام يېرىش كۆلىمىنى لايىھەلەش»تىن ئىبارەت ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەكلى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئۈنۈملۈك قېزىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2023 - يىلى، 8 - رايوننىڭ تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسىدىكى نېفىت زاپىسىدا تۈرلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق خام نېفىت مەھسۇلاتى 120 مىڭ توننا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 800 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈلۈپ، 8 - رايوننىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا يىلىغا 1 مىليون 77 مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات مىقدارىنى مىليون توننىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىل 8 - رايون تۆۋەنكى ئورقۇ گۇرۇپپىسىنىڭ نېفىت زاپىسى مەھسۇلات مىقدارى يەنە ئاشىدىكەن.

شىنجاڭ نېفىتلىكىدە يەنە شىركەت دەرىجىلىك نۇرغۇن «تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» قۇرۇلۇشى تەسىس قىلىندى، قارىمىقىدىكى ھەرقايسى نېفىت ئېلىش زاۋۇتلىرىدىمۇ زاۋۇت دەرىجىلىك «تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» قۇرۇلۇشى تەسىس قىلىندى. گۇرۇھ شىركەتنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ قىلىش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ نېفىتلىكى ئىزدىنىشنى تېزلىتىپ، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كونا نېفىت زاپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.