شىنجاڭ بۇ يىل 2000غا يېقىن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى تۈرىنى زاپاس تەييارلىدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى زاپاس تەييارلىغان يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى تۈرى 2000غا يېقىنلاشقان، چېتىشلىق سومما 200 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمدە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بېكىتكەن نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدا گوۋۇيۈەننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى ئارقىلىق مەدەت بېرىدىغان ساھەلەرنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش ۋە مەخسۇس تۈر زايومىنى تۈر دەسمايىسى قىلىپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، جەمئىيەت ئىشلىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، شەھەر - يېزا سوغۇق ساقلاش - توشۇش زەنجىرى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى تۈرىنى زاپاس تەييارلىدى.

«سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى قوللاش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللايدىغان يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تۈرلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش بويىچە «ئۈچ بازا، ئۈچ ئويمانلىق، تۆت رايون»، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بويىچە «ئىككى ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات، بىر ھالقا» قاتارلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت كەسىپلەر باغچە رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ خىمىيە سانائىتى باغچىسى، كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

«بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىشنى ياخشى باشلىشى، قەدەمنى ياخشى ئېلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى دىققەتنى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن ئايروپورت رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا بويى پورتى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، «بەش چوڭ مەركەز» نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ مەركىزى قاتارلىق تۈرلەرنى تەييارلاشنى سىجىل ياخشى ئىشلەيدۇ.

2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يەنە شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ئەشيا ئوبوروتى سودىسى، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاپ، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك، كۆرگىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى تېز بەرپا قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر زايومى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا، ھۆكۈمەتنىڭ سېلىنمىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك سىياسەت قورالىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنى ساقلاش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئاپتونوم رايوندىكى مالىيە تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى سىجىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىدۇ.