چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60تىن ئارتۇق كۆپەيدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىلۇ فېڭباۋ، ما يىنىڭخەۋەر قىلىدۇ: چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا تاشيول قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە قاتنىشى مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قارىمىقىدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش مىقدارى 1 مىليون 627 مىڭ 600 ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.38 ئاشتى، 61 مىليون 342 مىڭ 200 يۈەن يۈرۈش ھەققى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى؛ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 301 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تاماملىغان يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1547 توننا، كاپالەتلىك قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇش سانى 3231 ئايروپىلان قېتىم بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2019 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.1، %41.3، %29.4 ئاشتى.

چىڭمىڭ مەزگىلىدە، يۇرتىغا قايتىپ ئەجدادلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە باھار سەيلىسى قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىپ، تاشيوللاردا ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ گۇرۇھ قارىمىقىدىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەسى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى 2 مىليون 298 مىڭ 300 ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.28 ئاشقان، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارى 766 مىڭ 100 ئاپتوموبىل قېتىم بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ قاتناش مىقدارى 1 مىليون 627 مىڭ 600 ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، يولغا چىققان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالغان، 61 مىليون 342 مىڭ 200 يۈەن يۈرۈش ھەققى كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان.

قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ قاتناشقا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى يول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىگە ھۆكۈم قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى، تۈگۈنلەرنى رەتلەپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىگە ھۆكۈم قىلىپ، «بىر بېكەتكە بىر تەدبىر بولۇش» بويىچە قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەپسىلىي، يولغا قويغىلى بولىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن تۈرلۈك بىنورمال ئەھۋالنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلدى.

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قارىمىقىدىكى ئايرودۇرۇملاردا ئايروپورتقا كىرگەن يولۇچىلار ئايروپورتتىن چىققان يولۇچىلاردىن سەل كۆپ بولدى، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋات شەھەرلەر ئاساسلىقى قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلار بولدى. 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى سەپەردىن قايتىش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى ئۈچ كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، 109 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى تاماملىغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 176 مىڭ ئادەم قېتىم بولدى، تاماملىغان يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1156 توننا بولدى، 1327 قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش - قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئۇچۇشنى ئىجرا قىلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى 550 نۆۋەتچى قېتىمدىن ئېشىپ، 85 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇدى، نەنجىڭ − ئۈرۈمچى − غۇلجا، چېڭدۇ − ئۈرۈمچى − كورلا، شىئەن − ئۈرۈمچى − غۇلجا قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچى - ئورۇن نىسبىتى بىردەك %90تىن ئاشتى، شاڭخەي − ئۈرۈمچى − قەشقەر، جىنەن − ئۈرۈمچى، چېڭدۇ − ئۈرۈمچى قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە يولۇچى - ئورۇن نىسبىتى %85تىن ئاشتى.

خەلقئارا جەھەتتە، دۈشەنبە، تېھران، ئالمۇتا، ئىسلامئاباد بىرقەدەر ئاۋات نۇقتا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى − دۈشەنبە يۆنىلىشىدە يولۇچى - ئورۇن نىسبىتى %80تىن ئاشتى.

يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېڭىدىن كورلا − شىئەن، ئالتاي − قاراماي − كۇچا، تۇرپان − كۆكتوقاي − قاناس قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇقتىلىق يولۇچىلار مەنبەسى شەھەرلىرى بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، «ئاۋىياتسىيە + ساياھەت» تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ راۋانلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.