ئۇ ياشلىق باھارى ئارقىلىق خەلقچىل ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

ساقچى بولغان يەتتە يىلدا، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئايال ساقچى لۈ خۇيچېن سەپداشلىرى بىلەن بىللە قار - شىۋىرغان، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، مەيلى قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى خىزمىتىدە بولسۇن ياكى ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتىدە بولسۇن، ھەمىشە ئويلاشقا، ئىشلەشكە، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن لۈ خۇيچېن ئاقسۇ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، گۇڭئەن تەشۋىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ، ئۇ كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، پىلانلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۈرەتكە ئالالايدىغان، يازالايدىغان بولۇپلا قالماي، يەنە نۇتۇق سۆزلەشكە ۋە پىروگرامما رىياسەتچىلىكىگە ماھىر.

«گۇڭئەن تەشۋىقاتىدا ساقچىلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.» لۈ خۇيچېن ھەمىشە فوتو ئاپپاراتىنى ئېسىپ ھەر ۋاقىت خاتىرە قالدۇرۇشقا تەييار تۇرىدۇ، ئۇنىڭ سىيماسى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى، دېلو بېجىرىش نەق مەيدانلىرىدا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بىرىنچى سەپكە پۇختا چۆكۈش ئۇنىڭ ئىستىلى.

2019 - يىلى 3 - ئايدا، تەشۋىقات سۇپىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، لۈ خۇيچېن كوللېكتىپقا يېتەكچىلىك قىلىپ «تىنچ - ئامان ئاقسۇ» دوۋيىن نومۇرىنى ئېچىپ، پىلانلاش، سۈرەتكە ئېلىش، ئىشلەشنى ئۆز ئالدىغا تاماملىدى. «بىز <ئايال ساقچىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئىشلىرىنى چۈشەندۈرۈشى> <ئايال ساقچىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىنى چۈشەندۈرۈشى> <جاھاندا ئالدامچىلار بولمىسۇن> قاتارلىق بىر قىسىم مۇقىم سەھىپىلەرنى تەسىس قىلدۇق، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بەردۇق» دېدى ئۇ.

«تىنچ - ئامان ئاقسۇ» دوۋيىن نومۇرى ئېچىلغاندىن بۇيان، 500دىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىندى، مەستانىلىرى 130 مىڭدىن ئاشتى.

«مەن 20 ياشقا كىردىم، ئىسمىمنى ئۆزگەرتسەم بولامدۇ؟» «مەن گەنسۇدىن، كىملىكىم يىتىپ كەتتى، ئاقسۇدا تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولامدۇ؟» 2023 - يىلى، لۈ خۇيچېن بىۋاسىتە كۆرسىتىش پىروگراممىسىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى كەسىپتىكى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرى، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش بىلىملىرى، نوپۇس سىياسىتى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، تورداشلارنىڭ سورىغان مەسلىھەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

لۈ خۇيچېن يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنى ساقچى گازارمىسى مەدەنىيەت پائالىيىتى نەق مەيدانىغا يۆتكىدى. «بىز ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرىغا ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردۇق، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدۇق، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تورداشنى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە ئون نەچچە مەيدان ئويۇن قويدۇق، لېكسىيە سۆزلىدۇق، ئەڭ يېقىنقى قانۇن تەشۋىقاتىنىڭ باش تېمىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن بىلىملىرى بولدى.

«ئاكا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىڭىزنى ئاشۇرغىڭىز بارمۇ؟ قارىسام بالىڭىز كەپتەرگە بەك ئامراق ئىكەن، مەن سىلەرگە كەپتەر باچكىسى ئۇقۇشۇپ بېرەي، بولامدۇ؟» 2018 - يىلى، لۈ خۇيچېن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان ئايكۆل بازىرى تاشتا كەنتىگە بېرىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىدىكى «خۇيچېنگۈل»گە ئايلاندى.

كەنتتىكى يول چىراغلىرىنىڭ بۇزۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، لۈ خۇيچېن مېھىر - شەپقەت كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇزۇلغان يول چىرىغىدىن 15نى رېمونت قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ بەردى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلارنى باشلاپ دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يىغىشقا ياردەم بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئون توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈم، تاۋۇز قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەملەشتى.

تەشۋىقات خىزمىتىدە، لۈ خۇيچېن ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتتە نۇرغۇن چارىلەرنى قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ بېيىش يولىنى تېپىپ، ئاممىنى يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردە، ئۇ ئاقسۇ شەھىرى دولان تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىرما مەھەللىسىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «بىز خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى كىتاب، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، مەھەللە پىدائىيلار پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئامما جۇغلانما نومۇرنى مۇكاپات بۇيۇمىغا ئالماشتۇرسا بولىدۇ».

خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان لۈ خۇيچېننىڭ ھەمىشە غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، «مەن خەلق ساقچىسى بولغان ئىكەنمەن، تولۇپ - تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سادىقلىقىمنى ئىپادىلەيمەن» دېدى ئۇ مۇخبىرغا.

ساقچى بولغاندىن بۇيان، لۈ خۇيچېن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسى» بولۇپ باھالاندى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر قېتىم شەخسلەر بويىچە 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى، بىر قېتىم شەخسلەر بويىچە مۇكاپاتلاندى. يېقىندا ئۇ گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن ئورگانلىرىدىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك ئايال خەلق ساقچىسى بولۇپ باھالاندى.