ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

− شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشتىن ئىلمىي كۆكەرتىشكە يۈزلەنگەنلىكى توغرىسىدا

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

ئەتىياز كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىدىغان ياخشى مەزگىل.

ھازىر، ئەتىيازلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلماقتا.

ئورەك كولاندى، كۆچەت تىكىلدى، توپا يۆلەندى، كىشىلەر كۆچەت تىكىش ئارقىلىق، تۇپراقنىڭ يېشىللىق بىلەن ئۈزلۈكسىز قاپلىنىشىنى، بوستانلىقتىكى ماكانىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇم - بوران زىيىنى ئېغىر رايون، قۇم - بوراننىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا جەمئىي تىكىلگەن كۆچەت كۆلىمى 70 مىليون مودىن ئاشقان. بۇ ھەرقايسى جايلار قانات يايدۇرغان شەھەرنى كۆكەرتىش، يېزىلاردا ئىقتىسادىي ئورمان بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بېشىدىكى %1.03تىن نۆۋەتتىكى %5.06كە يەتتى، ئورمان كۆلىمى 124 مىليون موغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 12 - ئورۇندا تۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېشىللىق شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشىدا نۇرغۇن جەھەتلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى.

ئەمدى كۆلەمنى كېڭەيتىشنىلا قوغلاشمايدىغان بولدى

شىنجاڭدا بىر تۈپ دەرەخ تىكىپ تۇتقۇزۇش تەننەرخى باشقا رايونلارنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى.

ئالاتاۋ شەھىرىدە، دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قىيسىيىپ ئۆسىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈك شامالغا تاقابىل تۇرغانلىقىنىڭ بەلگىسى. يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرگە تىرەك قويۇپ پۇختىلاش ھەم توپا يۆتكەپ كېلىپ تىندۇرۇش، كىچىك سۇغىرىش رايونلىرىغا ئايرىپ نۆۋەت بىلەن سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغاندا، ئاندىن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ناچار تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىنتايىن يۇقىرى كۆكەرتىش تەننەرخى ئالدىدا، شىنجاڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئاۋۋال ئاسىنىغا، ئاندىن قىيىنىغا تېگىش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بۇ خىزمەتنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئالدى بىلەن ئىشنى سۇ بايلىقى نىسبەتەن ياخشى بولغان بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ۋە ئەتراپىدىن باشلاپ، ئادەم دېڭىزى تاكتىكىسى ئارقىلىق يېشىللىقنى تېز كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ ئاساسلىقى چوڭ غوللۇق دەرەخ تۈرىنى تاللىدى، ئۇنىڭ دەرەخ تاجىسى ئېگىز ۋە يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغاچقا، مۇبادا ئورمان بولۇپ شەكىللەنسە، كىشىلەرگە ياپيېشىل سايە تاشلاپ تۇرىدىغان گۈزەل تۇيغۇ بېغىشلايدۇ، غوللۇق دەرەخنىڭ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، چاڭ - توزاننى ئازايتىش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك.

يامالىق تېغى ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ قاقاس تاغ ئىدى، 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا، يامالىق تېغىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى، ھەر يىلى ئەتىيازلىق، كۈزلۈك كۆچەت تىكىش پەسلىدە، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان شەھەر ئاھالىسى خالىسانە كۆچەت تىكىش قوشۇنىغا قوشۇلدى. 30 يىلغا يېقىن كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، يامالىق تېغىغا 5 مىليون 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكىلىپ، قاقاس تاغ ئورمان باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلدى.

پۈتۈن شىنجاڭغا نەزەر سالساق، بۇنداق چوڭ تىپتىكى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشلىرى يەنە نۇرغۇن، مەسىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى لاۋفېڭكوۋ ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىدىكى دۇڭشەن كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي ئورمىنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار.

ئەمما يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭدا چوڭ تىپتىكى كۆچەت تىكىپ كۆكەرتىش پائالىيەتلىرى كۆپ قانات يايدۇرۇلمايدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ شەھەرلەردە كۆكەرتىشكە ماس كېلىدىغان دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بارغانسېرى قىيىنلاشتى. ئىلگىرىكى ئىش توختىتىپ، دەرس توختىتىپ كۆچەت تىكىش بىرلەشمە جېڭىگە قاتنىشىش تەدرىجىي تارىخ بولۇپ قالدى.

ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، شىنجاڭدا ھەر يىلى تاماملانغان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى. «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 3 مىليون مو يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنغانىدى، «13 - بەش يىل»دا تەخمىنەن 2 مىليون موغا چۈشۈپ قالدى.

«14 - بەش يىل»غا قەدەم قويغاندا شىنجاڭ تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ: ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشتە ئەمدى كۆلەمنى كېڭەيتىشنىلا قوغلاشماسلىق، بەلكى ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى مىقدار بىلەن قاپلاشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئۆزگەرتىشكە، تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. 2021 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىلدا، شىنجاڭدا ھەر يىلى تاماملانغان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون مودىن كۆپرەككە چۈشتى.

ئىلمىي كۆكەرتىش تەدرىجىي كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى

بىر تۈپ دەرەخ تىكىلىپ تۇتقاندىن تارتىپ، تۇتاش ئورمان بولغۇچە ئون يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ مەزگىلدە، كۆچەت تىكىشكە ماس كېلىدىغان بوشلۇقنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، سۇ بايلىقى شارائىتى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللار كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ «ئەڭ يۇقىرى پەللىسى»نى بىرلىكتە ياراتتى.

دېمەك، بىر رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى مەڭگۈ ئاشۇرۇۋېرىش مۇمكىن ئەمەس. شارائىتى بىرقەدەر ياخشى رايونلاردا كۆكەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى يەنە ئۆستۈرۈش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ.

پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن قارىغاندا، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن ھازىرغىچە، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %12تىن %24.02كە ئۆستى، 2035 - يىلىغا بارغاندا %26لىك چوققا قىممەتكە يېتىپ، ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنىڭ «ئەڭ يۇقىرى پەللە»گە يېتىشى مۆلچەرلەندى.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئورمان بىنا قىلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى يامغۇر مىقدارى 400 مىللىمېتىردىن تۆۋەن بولغان غەربىي شىمال، خۇابېي رايونلىرىدا بولۇپ، يەر سۈپىتى ناچار، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قىيىن، ئورمان كۆلىمىنى كېڭەيتىش بوشلۇقى چەكلىك.

دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئاساسىدا، 2021 - يىلى «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىلمىي كۆكەرتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، ئىلمىي، ئېكولوگىيەلىك، تېجەشلىك كۆكەرتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم قەيەردە ئورمان بىنا قىلىش، قانداق ئورمان بىنا قىلىش، ئورماننى قانداق بىنا قىلىش، قانداق پەرۋىش قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئاچقۇچلۇق ھالقىغا قارىتا ئېنىق يېتەكچىلىك قىلىندى.

قەيەردە ئورمان بىنا قىلىشتا − ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كېلىدىغان قاقاس تاغ، قاقاس يەر، قاقاس ساھىل، تاشلىنىپ قالغان ۋە زىيانغا ئۇچرىغان تاغ گەۋدىسى، چېكىنگەن ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق كۆكەرتىش بوشلۇقى قىلىش كېرەك.

قانداق ئورمان بىنا قىلىشتا − سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىش، دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، دەرەخ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە دەرەخ ئۆستۈرۈش، چاتقال ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە چاتقال ئۆستۈرۈش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاشتا يەرلىكلەشتۈرۈش، كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەك.

ئورماننى قانداق بىنا قىلىشتا − تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، قورشاشقا ماس كەلسە قورشاش، ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىشقا ماس كەلسە ئايروپىلاندا ئۇرۇق چېچىش، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش كېرەك.

ئورماننى قانداق پەرۋىش قىلىشتا − ئورمان يېتىشتۈرۈش ۋە چېكىنگەن ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىلمىي كۆكەرتىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە ئۇلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

«گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىلمىي كۆكەرتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش تەرەققىيات ئەندىزىسىدىمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىلمىي كۆكەرتىش ئىدىيەسى تەدرىجىي كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

«نوقۇل يېشىللىق»تىن «رەڭدار گۈزەللىك»كە يۈزلەندى

ئىلمىي كۆكەرتىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولدى.

بىرىنچىدىن، سۇ بايلىقى مىقدارىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇ تېجەيدىغان ئورمان، ئوتلاقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا سۇ تېجەش، سۇ ئىشلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن يېڭى ئىزدىنىشلەر بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، شايار ناھىيەسى يورۇقلۇق ۋولتتىن توك چىقىرىش ئارقىلىق يەر ئاستىدىكى قىرتاق، شورلۇق سۇنى تارتىپ چىقىرىپ، سۆكسۆك قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىپ، كۆكەرتىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. كېرىيە ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيەسى شەھەرنىڭ تازىلانما يۇندىسىنى كۆچەت سۇغىرىشقا ئىشلىتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى، قاتارلىقلار.

ئىككىنچىدىن، يەرلىك دەرەخ تۈرلىرى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئىلگىرى شىنجاڭدا دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ئۈچۈن ئېگىز غوللۇق دەرەخلەر بىرقەدەر كۆپ تىكىلەتتى، دەرەخ تۈرلىرى نىسبەتەن ئاز ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، سۆكسۆك، يۇلغۇن، جىگدە، توغراق، لوپنۇر كەندىرى، تۆت غوللۇق لويلا قاتارلىق شورغا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق يەرلىك دەرەخ تۈرلىرى كۆكەرتىشتە ئاساسلىق رول ئوينىماقتا، چاتقاللار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

شىنجاڭ يەنە ئېكولوگىيە بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆكەرتىشتە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقى، تۇرپان ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى ئۇلانغان توشقانزەدىكى كۆلىمى 1 مىليون مودىن كۆپرەككە يەتتى ھەم تىكىپ ئۆستۈرۈش، يالپاقلاپ پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپ زەنجىرلىرى بەرپا قىلىندى. جىغان، ئالقات، چۈچۈكبۇيا، قىزىلگۈل، ئاقسىللىق ئۈجمە قاتارلىق قۇملۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشمۇ ناھايىتى ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشتى.

يېشىللىقنى كۆپەيتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە يېشىللىقنى «ساقلاش»قا كۈچ سەرپ قىلدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ ئورماننى ئىمكانىيەتلىك سىجىل باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، تەبىئىي ئورمان ۋە سۈنئىي ئورماندا يېتىشتۈرۈش، ئارىلاپ كېسىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ھەرقايسى جايلار چېكىنگەن ئورمانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ بىنا قىلىش، بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

2023 - يىلى، شىنجاڭدا ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلىنىپ، سۇ مىقدارىغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، سان - سۈپەتكە، ساقلانما مىقدار - ئاشۇرما مىقدارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، دەرەخ، چاتقال، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق ئىلمىي كۆكەرتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار «تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش» ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتىن ئىبارەت قىممەت ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

كىشىلەر بارلىق «چۆللۈك»لەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا «كۆكەرتىش»كە ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتى. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە دەخلى قىلماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدى. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىدىغان يېشىل تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت.