جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمى يېيىلدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

30دىن ئارتۇق تۈجۈپىلىك سولياۋ يوپۇق يېپىپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى توختىماي ئۆتۈشۈپ، بىپايان تۇپراققا كۈمۈش رەڭلىك سىزىقلارنى «سىزدى»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسى قوشۇلغان جايدىكى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سەنخې بازىرى ئەمەچۇق كەنتىدە ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇسى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى.

ئۈچ دەريانى بويلاپ يۇقىرىغا ماڭغاندا ياكى تارىم دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭغاندا، ھەيۋەتلىك ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىش يۆگىمە رەسىمىنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق ئويمانلىقى بولغان تارىم ئويمانلىقىدا يېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭدىكى ئەتىياز بىرقەدەر بالدۇر كېلىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدا، دېھقانچىلىق ئىشلىرى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

تېرىقچىلىق مەزگىلىدە ھەممە يېڭىلىنىپ، ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق پەيتى چىڭ تۇتۇلدى

«تېخنىكنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ 20 نەچچە مو يەرگە قىزىلچا تېرىدىم. نەق ۋاقتىدا تېرىسا، ھوسۇلى جەزمەن يۇقىرى بولىدۇ، شېكەر زاۋۇتىنىڭ زاكاز باھاسى يەنە بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، بۇ يىل ھوسۇل ئېشىپ، كىرىمنىڭ كۆپىيىشىدە گەپ يوق!» دېدى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى باغتوغراق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەت ھېيت.

ئاشلىق ھەم كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلىدىغان يېڭىمەھەللە بازىرىدا، دېھقانلار ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش جەريانىدا مۇنداق بىر داۋلىنى چۈشەندى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىر كۈن بۇرۇن باشلانسا، كۈزلۈك يىغىم ئون كۈن ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. قايسى خىل زىرائەتنى تېرىشقا ماس كېلىدىغان مەزگىل يېتىپ كەلگەندە، جەزمەن بالدۇرراق تېرىش كېرەك.

يېڭىمەھەللە بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى كۇاڭ جياگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بازار بويىچە 50 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغداينىڭ ھوسۇلى يىلدىن - يىلغا ئېشىۋاتىدۇ، بۇ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېرىش ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى ھەربىر ھالقىدىكى ۋاقتىدا پەرۋىش قىلىش، ئاسراشنىڭ پايدىسىدىن بولدى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردە تېخىمۇ شۇنداق. قىزىلچا سالقىنغا مايىل زىرائەتكە تەۋە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خادىملىرى ئەتىياز كىرگەندىن كېيىن كەنتكە كېلىپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دېھقانلار سەپەرۋەر قىلىنىپ تېرىقچىلىق باشلاندى. ھازىر، 26 مىڭ مو يەرگە قىزىلچا تېرىش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ، بۇلتۇرقىدىن ئون كۈن بۇرۇن ئاخىرلاشتى، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ يەتتە توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار يەنە ۋاقتىدا نۆۋەتتىكى كېۋەز تېرىقچىلىقىغا كىرىشەلەيدۇ.

مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى 2 - ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8 مىليون 800 مىڭ مو يەرگە ئاشلىق زىرائىتى (بۇنىڭ ئىچىدە يازغى بۇغداي ۋە كۈزگى بۇغداي 4 مىليون 50 مىڭ مو، ئاق يەر قونىقى ۋە ئېڭىز قونىقى 4 مىليون 520 مىڭ مو، دادۇر 120 مىڭ مو، باشقا ئاشلىق زىرائەتلىرى 110 مىڭ مو)، 6 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز، 1 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە كۆكتات، 1 مىليون 500 مىڭ مو يەرگە خاس دېھقانچىلىق زىرائىتى تېرىش پىلانلانغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئۆتىدىكەن.

«بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش، يۇقىرى زىچلىقتا تېرىش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى توپلاپ كېڭەيتىش، قوللىنىش بويىچە بالدۇر ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يەر تۈزلەپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېلىپ بېرىش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس تەييارلاش، دېھقان ئائىلىلىرىگە قەرز پۇل تارقىتىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش بويىچە بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا <100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش> بويىچە بەرپا قىلىشتا بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئاشلىق، پاختا بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇا ۋېيجيې.

ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىدە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش «ئەقىل - پاراسەت» قوشتى

ھازىر، دەل جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداينىڭ تۈپلىنىش مەزگىلى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى ئىنتايىن مۇھىم. لوپنۇر ناھىيەسى تارىم يېزىسىنىڭ بەخت كەنتىدە، ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىدىكى جاۋ شۈشېڭنىڭ 200 مو يەردىكى بۇغداي ئېتىزىغا تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇلدى، شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق تېخنىك خادىملىرى دائىم كېلىپ تەكشۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلدى، ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۇ ئۆزى يالغۇز ئوڭايلا قىلالايدىغان بولدى.

«يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىر قىسىم دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەردىن قۇتۇلدۇردى. ئېتىز بېشىدىن كەتمەي تېرىقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقان دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىشى ئاسانلاشتى. ھازىر، مەيلى بۇغداي ئېتىز پەرۋىشى بولسۇن ياكى كېۋەز تېرىش، باغ - ئورمان چاتاش بولسۇن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى بارغانسېرى <ئاقىللاشتى>» دېدى قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ خۇڭبو.

پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، بۇ يىل، خوتەن ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تۆت چوڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، مالىيەنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ياردەم پۇل مەبلىغىنىڭ ئۇللۇق، خەلق تۇرمۇشى خاراكتېرلىك، تولۇق كاپالەتلىك، نېگىزلىك رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدى. «ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى»غا تايىنىپ، بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قاتنىشىش ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بىر - بىرىنى نازارەت قىلىش، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش، ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، مەنپەئەتتىن ھەمبەھرىلىنىش، خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا، ئەتىيازدا سوغۇق بولىدىغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايونلاردىمۇ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مىساللىرى كەم ئەمەس. ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت بازىرى بايقۇرۇت كەنتى تورغات پورتىغا قوشنا چېگرا چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2300 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، 2022 - يىلى كەنت گىلاس ئۆستۈرۈشنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز تۈردە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى چۆل - باياۋاندا گىلاس ئۆستۈرۈشتەك مۆجىزىنى ياراتتى.

«گەرچە كەنتىمىزنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، زامانىۋى باقمىچىلىق قاتارلىق تېخنىكىلار ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچىدىن پايدىلىنىپ خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى» دېدى بايقۇرۇت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چۈنگۇاڭ.

ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشتا، ئالدىن پۇختا تەييارلىق قىلىندى

بۇ قېتىمقى چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كېۋەز تېرىش چوڭ ناھىيەسى شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىل بايراق بازىرىدا، شايار ناھىيەسى دېمىن تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ئوۋياڭ دېمىڭ ۋە باشقا تېخنىك خادىملار بىر تەرەپتىن دېھقانلارنى يېتەكلەپ كېۋەز تېرىسا، بىر تەرەپتىن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

«شىنجاڭ كۆپ خىل تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان رايون، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىگە، تىيانشان تۆمۈر چوققىسى ئېتىكىگە جايلاشقان ئونسۇ ناھىيەسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەن كېۋەز تېرىغىلى 30 نەچچە يىل بولدى، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈك، بوران، چاڭ - توزان، سىجىل قۇرغاقچىلىق، ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا، مۆلدۈر قاتارلىق كۆپ خىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە يولۇقتۇم، لېكىن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللانسا، تەبىئىي ئاپەتنىڭ كېۋەزگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئوۋياڭ دېمىڭ.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە، ئوۋياڭ دېمىڭدەك بۇنداق يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باشلامچىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى بىلىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس، بۇ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ «ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ھوسۇلنى ئاشۇرۇش دېمەكتۇر، زىياننى ئازايتىش ئاشلىقنى كۆپەيتىش دېمەكتۇر» ۋە «مۇداپىئەلىنىش قۇتقۇزۇشتىنمۇ مۇھىم» دېگەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئىدىيەسى بويىچە، بىر يىل ئىچىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ناچار ھاۋارايىغا بىرلەشتۈرۈپ، ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تېخنىكىسى بويىچە مۇھىم نۇقتىلارنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ ئومۇملاشتۇرغانلىقىدىن بولدى.

«تەبىئىي ئاپەتتىن پائال مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش داۋامىدا، بىز <دائىم غېمىدە بولۇش> مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، <ھەممە ئىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈش>تەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ھاۋا رايى ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئاساسەن، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىنورمال ھاۋارايى كەلتۈرۈپ چىقارغان پايدىسىز تەسىرلەرنى رەتلەپ تەھلىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاسان ئاپەت يۈزبېرىدىغان ھالقىلارغا قارىتا، مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزدۇق» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جياڭ چۇڭخەي. بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بۇ جاي «سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدىن مۇداپىئەلىنىپ، تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.