چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا قالتىس نومۇرلار ئارقا- ئارقىدىن قويۇلدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

4- ئاينىڭ 5- كۈنى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى «شۇاڭگۇەنگاۋ» ئۈرۈمچى شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ مۇنەۋۋەر ياش ئارتىسى ۋاڭ تىڭ ۋاڭ چۈنئېنىڭ رولىنى ناھايىتى جانلىق ئورۇنلاپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

«شۇاڭگۇەنگاۋ» يەنە «سەننياڭنىڭ بالا تەربىيەلىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەيدان ئويۇندا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بىر ھېكايە ئارقىلىق جانلىق ئەلنەغمە تىلى بىلەن پەزىلەتلىك، ئاق كۆڭۈل، جاپا- مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ئاھانەتكە چىداپ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالغان «سەننياڭ» ۋاڭ چۈنئېنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تىياتىرغا جۇڭگو تىياتىر مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، چىنچياڭ تىياتىرىدىكى تۆت داڭلىق ئايالنىڭ بىرى بولغان لى جۈەن ئالاھىدە رېژىسسورلۇق قىلغان، داڭلىق كومپوزىتور، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك سازەندە دېڭ زېڭچى مۇزىكىسىنى ئوركېستىرلاشتۇرغان.

تاماشىبىن مەرھابا خالىق مۇنداق دېدى: بۇ، كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ھېكايە، ئارتىسلار ناھايىتى جايىدا رول ئاپتۇ، ئىجابىي ۋە سەلبىي تىپلار ئارقىلىق كىشىلەرگە ئاتا- ئانىلارنىڭ جاپا- مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجىرىنى ئەستە چىڭ ساقلاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپتۇ، «بارچە ئاتا- ئانىلار پەرزەنت غېمىدە»دىن ئىبارەت چوڭقۇر داۋلى جانلىق ھېكايە بىلەن بايان قىلىنىپ، كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈلۈپتۇ.

4- ئاينىڭ 6- كۈنى، بۇ تىياتىر ئۆمىكى چىنچياڭ ئەلنەغمىسىنىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرى «شىخۇ كۆلىنى ساياھەت قىلىش»نى ئورۇنلايدۇ، تاماشىبىنلار ۋېيشىندا «ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكى» ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدىسە، ئويۇن قويۇش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى)