ئۈچ ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە
ئىككى قېتىم مەملىكەت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى
شىنجاڭلىق بۇ كېلىشكەن يىگىت
يۈگۈرۈپ سۇ بىڭتيەنگە يېتىشىۋالماقچى
ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىپادىسى خۇددى ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايىغا ئوخشاش
«قالتىس» بولدى!
3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن
2024-يىللىق مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا
لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە
17 ياشلىق
شىنجاڭلىق كىچىك ئەزىمەت ئەلشىر ئۆمەر
45 سېكۇنت 79 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن
مەملىكەتلىك زال ئىچى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقە رېكورتىنى يېڭىلىدى
ئۇ بۇزۇپ تاشلىغان بۇ رېكورتنى
ئۇ دەل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىكى
مەملىكەتلىك زال ئىچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ
جىنەن بېكىتىدە ياراتقان
بۇنىڭدىن ئىلگىرى
مەملىكەتلىك زال ئىچى مۇسابىقىسىنىڭ بۇ تۈر رېكورتى 17 يىلغا يېقىن ئۆزگەرمىگەنىدى
ئەلشىر ئۆمەرنىڭ دېيىشىچە
ئۇ كىچىكىدىنلا تەڭتۇشلىرىدىن تېز يۈگۈرگەچكە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپلا يېنىك ئاتلېتىكا كوماندىسىغا تاللانغان
ئۇ يۈگۈرۈشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن
«يۈگۈرگەندە قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغان شامال ئاۋازىنى ياخشى كۆرىمەن،
ئۆزۈمنى ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن!»
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ «نوتا»لارنى تاللىغاندا
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن
بۇ «سوقۇلمىغان ئالتۇن»نى قېزىپ چىقتى
ئەلشىر ئۆمەر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ
شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ
قىسقا مۇددەت يېتىشتۈرۈشى ئارقىلىق
ناھايىتى تېزلا
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ
تەنتەربىيە مەشىقى 1-چوڭ ئەترىتىگە كىردى
ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش ئۈچۈن
تىرېنېرلار كوللېكتىپى ئالايىتەن ئۇنى
10 يىللىق تەربىيەلەش پىلانى تۈزدى
يەنە ئۇنى گېرمانىيەگە ئاپىرىپ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە قاتناشتۇردى
ئۇنىڭ تىرېنېرى جاڭ ياڭ مۇنداق دېدى:
ھەر بىر باسقۇچتىكى مەشىق مەزمۇنى ۋە نىشانى ئوخشىمايدۇ
«شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن
ھەر ۋاقىت تەڭشەپ
ئۇنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق
بىز ئۇنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىسىنى كۆزلىمەستىن
ئۇنىڭغا بەدەن، تېخنىكا، پىسخىكا جەھەتتىن
ياخشى ئاساس سالدۇق
كەلگۈسىدە ئۇ يەنە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ»
ئەلشىر ئۆمەردە تۇغما تالانت بولغاندىن باشقا
ئۇ ناھايىتى تىرىشچان
جاڭ ياڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا،
«بۇ بالا مەشىق قىلغاندا كۈچىنى قىلچە ئايىمايدۇ
دائىم پېيى تارتىشىپ قالغۇچە يۈگۈرەيدۇ»
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۇغما تالانتقا ئىلمىي مەشىق قىلىش ۋە تىرىشچانلىق، تەلەپچانلىق قوشۇلۇپ ئۇنى بارغانسېرى تېز يۈگۈرىدىغان قىلدى
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئەلشىر ئۆمەر
بىر يىل ئىچىدە
ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە
ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى يېڭىلىدى
بۇلتۇر گۇاڭشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار (ياشلار) تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ
ئەرلەر 400 مېتىرغا يۈگۈرۈش تەييارلىق مۇسابىقىسى ۋە
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە
ئۇ ئۆزى ساقلاپ كېلىۋاتقان
مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر رېكورتىنى ئىككى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈپ
ئاخىرىدا 45 سېكۇنت 71 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى
ئەلشىر ئۆمەر
400 مېتىرغا يۈگۈرۈش مەخسۇس تۈرىنى مەشىق قىلىشتىن بۇرۇن
ئەمەلىيەتتە 100 مېتىرغا يۈگۈرۈشنى
ئەڭ ياخشى كۆرەتتى
ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەتچىسى
ئاسىيا قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش شاھى − سۇ بىڭتيەن ئىدى
دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى
ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە
سۇ بىڭتيەن 9 سېكۇنت 83 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن
ئاسىيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەرلەرنىڭ 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە
كىرگەن
جۇڭگولۇق تۇنجى تەنھەرىكەتچى بولۇپ قالدى
يان تېلېفوندا مۇسابىقىنى كۆرگەن ئەلشىر ئۆمەر
قاتتىق ھاياجانلاندى
«مەن خۇددى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈگۈرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم
ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغىنىنى كۆرۈپ
مەنمۇ خۇددى دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغاندەك ھېسسىياتقا بولدۇم»
ئەلشىر ئۆمەر
يەنە ئون نەچچە كۈندىن كېيىن
دۇبەيگە بېرىپ ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ
ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئەلشىر ئۆمەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا
بۇنداق پۇرسەت يەنە بارغانسېرى كۆپىيىدۇ
يۈگۈرۈڭ، ئۆسمۈر
قۇلىقىڭىز تۈۋىدىن سىيپاپ ئۆتكەن
شامالنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ
سىزگە تەۋە مۇسابىقە يولىدا
يۈگۈرۈپ ئۈلگىڭىز سۇ بىڭتيەنگە يېتىشىۋېلىڭ!
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى