يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن ئېشىپ كېتىدۇ! شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولدى

日期:2024年04月07日
来源:天山网
【字体:

چىڭمىڭ مەزگىلىدە كەينى-كەينىدىن يامغۇر ياغدى

بۇ قېتىمقى قىسقا دەم ئېلىشتا ھاۋا رايى بەك ياخشى بولدى

پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، ئىللىق بولدى

4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە

شىمالىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا

℃17تىن ℃23قىچە بولىدۇ

شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا

℃24تىن ℃28قىچە بولىدۇ

9-چېسلا ئەتراپىدا

تۇرپاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30تىن ئاشىدۇ

قىسمەن رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ


4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ لىيۈشەن باغچىسىدىكى سۆگەتلەر يۇمران بىخ چىقاردى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى


ئۈرۈمچىنىڭ بىر ھەپتىلىك ھاۋا رايى.

مەنبە:مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

4-ئايدا تۇرپان

تېمپېراتۇرا ئۆرلەشنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يولى»غا قەدەم قويدى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدىن ئىگىلىشىمىزچە

4-ئاينىڭ 9-كۈنى تېمپېراتۇرا ℃30قا چىقىدىكەن

4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېمپېراتۇرا ℃33 قا يېتىدىكەن


تۇرپاننىڭ بىر ھەپتىلىك ھاۋا رايى.

مەنبە:مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى

4-ئايدا ھاۋا بەزىدە سوغۇق، بەزىدە ئىسسىق بولىدۇ

كونىلاردا «كېسەلدىن خالىي بولاي دېسىڭىز، ئەتىيازدا يېلىڭ، كۈزدە بەك قېلىن كىيىنمەڭ» دېگەن گەپ بار

ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەن بولىدۇ

كۆپچىلىكنىڭ ھاۋاغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز


​4-ئاينىڭ 4-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

تېخىمۇ كۆپ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات ←

4-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدىن 8-چېسىلا كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، تىيانشان تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قار ئېرىپ كەلكۈن كېلىش ۋە قار كۆچۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغى ئورمان باغچىسىدىكى چىملىقلار يېشىللىققا پۈركەندى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ باھار سەيلىسى قىلدى.

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى


3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر تارىم ئويمانلىقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرىدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغدا ساياھەت قىلماقتا.

چۆ . خۇرەفوتوسى


3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاۋات ناھىيەسى دولان مەنزىرە رايونىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرىئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ، داكا قىلماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى بىز دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىنى كۈتۈۋالدۇق

سىز چىقىپ باھاردىن ھۇزۇرلاندىڭىزمۇ؟