شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىنغاندىن تارتىپ بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ جەمئىي 132 شۆبە، تارماق ئاپپاراتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، 139 كارخانىنىڭ 1 مىليارد 633 مىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشقان.
يېقىندا، جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى شىنجاڭ ئىچىدىكى پاي تۈزۈمىدىكى بانكىنىڭ تۇنجى بولۇپ چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى تالونى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ بانكا ئاپپاراتلىرى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، جەمئىي ئالتە كارخانىنىڭ ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى تالونى ئارقىلىق 41 مىليون 939 مىڭ يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى پائال تۈردە دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا تالونى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىي پايدىلىنىش كۆرۈنۈشى فۇنكسىيەسىنى ئېچىپ بېرىش توغرىسىدا پائال ئىلتىماس سۇندى ھەم دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن زىچ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر شوخلا ئېكسپورت كارخانىسىنىڭ 1 مىليون 850 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىشىنى تەستىقلاش ۋە قەرز تارقىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملىدى.
جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى بۇ كارخانىنىڭ جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا تالونىنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق، كارخانىغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىپ، ھەم كارخانىنىڭ رەنىگە قويىدىغان بۇيۇمى يېتەرلىك بولماسلىق تۈپەيلىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھەم كارخانىنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى نەق پۇل ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ ئوبوروتىنى تېزلەتتى.
بۇ جەرياندا، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «بۇ سۇپا بانكا بىلەن كارخانا ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. بىز سۇپىدا مۇئامىلىدارلارنى بىرمۇبىر تاللاپ، نىشانلىق كارخانىنى ناھايىتى تېز بېكىتەلەيمىز» دېدى جۇڭشىن بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى خەلقئارالىق كەسىپ بۆلۈمىنىڭ مەھسۇلات دىرېكتورى چيۇ چېن.
2017 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى رايون - بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشنى پائال تەتقىق قىلىپ، تەقسىملەنمە ھېسابات دەپتىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولماسلىق، رەقەملىك ئىمزا قويۇش ۋە كۆپ تەرەپ ئورتاق تونۇيدىغان قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، بانكا، سۇغۇرتا شىركىتى، كارخانا قاتارلىق كۆپ تەرەپ ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم ئېكسپورت ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئالتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى ئەمەلىي پايدىلىنىش كۆرۈنۈشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سۇپا تاموژنا، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ كەسىپ سۇپىلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارىسىدا بىر «ئۇچۇر كۆۋرۈكى» بەرپا قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، كېڭەيتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بانكا، كارخانىلارنى بىرمۇبىر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سۇپىدىن پايدىلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۇپىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، بۇ سۇپا شىنجاڭدا ئېكسپورت ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا تالونى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ھوقۇق بېرىپ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، مۇلازىمەت سودىسىدا سىرتقا چىقىم قىلىش بويىچە باج ئىشلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى توردا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي پايدىلىنىش كۆرۈنۈشىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.