يولنى ئۈزۈپ قويماسلىق، ئاز يول مېڭىش، ئارتۇق يول مېڭىشتىن ساقلىنىش −
«كىچىك كۆزنەك» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى زور ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو
تۇغۇلغاندىن تارتىپ پېنسىيەگە چىقىپ كۈتۈنۈشكىچە، كارخانىلارنى ئەنگە ئېلىپ تىزىملاشتىن تىزىمدىن ئۆچۈرۈپ چېكىندۈرۈشكىچە... ئىلگىرىكى مۇرەككەپ ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۈگۈنكى كۈندە «بىر قېتىمدىلا بېجىرگىلى» بولىدىغان بولدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئاساسىي تېمىلىق 18 يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ ھەممىسى توردا يۈرۈشتۈرۈلدى، قوللىنىشچان ئاساسىي تېمىلىق مەنزىرە سىجىل يېڭىلانماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى بەس - بەستە شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلدى، ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتى. «بىر ئىش»نى بېجىرىدىغان كىچىك كۆزنەك ھەرقايسى جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە كونىسىنى بىكار قىلىپ يېڭىنى تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولدى.
بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتىش يېتەكچى قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەرتىپنى قايتا تۈزۈپ، «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى بەرپا قىلىش
بىر يۈرۈش نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىش بېجىرىش زالىغا قانچە قېتىم بېرىشقا توغرا كېلىدۇ؟ جاۋابى: بىر زال (بىر كۆزنەك، بىر ھالقا)دا، بىر پونكىت شەكلىدىلا ھەل بولىدۇ.
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى گۇڭ ئەيلىڭ شەھەرلىك ئۆي - مۈلۈك سارىيىنىڭ «بىر ئىش كۆزنىكى»دە رەسمىيەت ماتېرىياللىرىنى بىر قېتىم تاپشۇرۇپلا، سۇ، توك، گازنى بىرلەشتۈرۈپ ئىگىدارنىڭ نامىغا يۆتكەش رەسمىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىردى. كۆزنەكتىكى خىزمەتچى خادىم سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق ئىگىدارنىڭ نامىغا يۆتكەش ئۇچۇرلىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۆلەت ئېلېكتىر تورى ھەم سۇچىلىق گۇرۇھى، تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى ئارقىلىق بىر پونكىت شەكلىدە بېجىرىشنى تاماملىدى. ئىلگىرى، ئامما كۆچمەس مۈلۈك كىنىشكىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، سۇ، توك، گاز تىجارەت زالىغا بىرمۇبىر بېرىشقا توغرا كېلىپ، تەكرار ماتېرىيال تاپشۇراتتى، ۋاقىت ھەم كۈچ كۆپ كېتەتتى.
يالغۇز بۇلا ئەمەس. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «نىمكەش ئۆي سودىسى (يۆتكەپ تىزىملاش) بىلەن سۇ، توك، گازنى بىرلەشتۈرۈپ ئىگىدارنىڭ نامىغا يۆتكەش» ئىسلاھاتىمۇ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، باج ئىدارىسى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى، تەبىئىي گاز كارخانىلىرى بىرلىكتە يولغا قويغان خەلققە قولايلىق تەدبىر بولۇپ، ئىلگىرىكى «تۆت ئىش» بىرىكتۈرۈلۈپ «بىر ئىش»قا ئايلاندۇرۇلدى.
بۇلتۇر 9 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىناق قىلىنغان «مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئىشى»مۇ شۇنداق. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش ئارقىلىق، ئىككى جاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، كۆچمە نوپۇسنى ۋاقىتلىق تۇرۇشقا تىزىملاش، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە ئۆي - مۈلۈك سودىسى توختامىنى توردا ئىمزالاپ ئەنگە ئېلىش قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈردى، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورى، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى APPسىنىڭ «مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئىشى» مەخسۇس رايونى ئارقىلىق توردا ئىلتىماس قىلىشنى يولغا قويدى.
ئاممىغا قولايلىق بولۇشنىڭ ئارقىسىدا، «ماس ھەمكارلىق»نىڭ نەتىجىسى بار.
«ماس ھەمكارلىق» ئىلگىرىكى تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكى، يەنى «تەرتىپنىڭ قايتا تۈزۈلگەن»لىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدا ماتېرىياللارنى ئىخچاملاپ بىر جەدۋەل شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن ئىلتىماس ماتېرىياللىرى مۇندەرىجىسى ھەم مۇلازىمەت كۆرسەتمىسى تۈزۈپ، ماتېرىياللاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى يولغا قويۇپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى تارماقلار ئارىسىدىكى پارچە - پۇرات، تارقاق ئىش تۈرلىرىنى بىرىكتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى تارماقلار، كۆپ تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىدا، شىنجاڭ رەتلەپ چىققان «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە 18 ئاساسىي تېما مۇندەرىجە تىزىملىكىدە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ رەتلەش ۋە تەرتىپنى قايتا تۈزۈش ئارقىلىق، جەمئىي بېجىرىش ۋاقتى تەخمىنەن 120 خىزمەت كۈنى قىسقارتىلدى، جەمئىي ماتېرىيال 103 پارچە قىسقارتىلدى، جەمئىي بېرىش قېتىم سانى 43 قېتىم ئازايتىلدى.
پىچاقنىڭ بىسى ئۆزىگە قارىتىلدى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇلدى
ئاقسۇ شەھىرىدە «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش(مۇلازىمەت)نى بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇش» شۇ جايدىكى بىر تۈرلۈك ھەممە ئالقىشلايدىغان خەلققە قولايلىق ئەمەلىي ئىش بولۇپ قالدى.
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەخسۇس تامغىسى»نىڭ بېسىلىشىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاھالە دوۋ يەن ناھايىتى تېزلا ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى. ئىگەرچى بازارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گو يەنلىن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەندە، بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدى بىلەن خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېرىپ تامغا باستۇراتتى، ئاندىن مۇلازىمەت مەركىزىگە يەنە بىر كېلىپ كىنىشكىسىنى قولىغا ئالاتتى.
«ھازىر ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەخسۇس تامغىسى خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تامغىسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان بولدى، ئامما پەقەت يېقىن ئەتراپتا بىر قېتىم بېرىپلا كەسىپنى بېجىرەلەيدۇ.» گو يەنلىن مۇنداق دېدى: بۇ تەدبىر ئۇنىۋېرسال خەلققە قولايلىق تور نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمەت رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ناھايىتى زور قولايلىق ياراتتى.
يېزا(بازار)لىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى قېلىپلاشماسلىق، كارخانا ۋە ئامما ئىش بېجىرىشتە «كۆپ تەرەپكە بېرىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2022 - يىلى يېزا(بازار)لاردا «تەكشۈرۈپ تەستىقلاش(مۇلازىمەت)نى بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇش» ئىسلاھاتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويدى.
2022 - يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ ۋىلايەتنىڭ ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى بولغاندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى بازىرى خەلق ئىشلىرى، ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق بۆلۈم - ئىشخانا، پونكىت - ئورۇنلارنىڭ تامغىسىنى بىرىكتۈرۈپ، سىستېما بويىچە بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇپ، ئىلگىرىكى ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ئون نەچچە تەستىق تامغىسى بېسىشقا توغرا كېلىشنى «بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇش»قا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ چۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، «يېزا (بازار)لارنىڭ <تەكشۈرۈپ تەستىقلاش(مۇلازىمەت)نى بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇش> ئىسلاھاتى ئىش تۈرى تىزىملىكى»نى ئالاھىدە رەتلەپ ئېلان قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرلىرىنى بېجىرىشتە «بىر ئىشىكتە بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىر قېتىملا ئۇقتۇرۇش قىلىش، بىر يۈرۈش ئۆلچەم بولۇش، بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش، بىر تامغا بېسىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
«تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىر تامغا بىلەن باشقۇرۇش» قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر مەيدان «پىچاق بىسى ئۆزىگە قارىتىلغان» ئىسلاھات بولۇپ، ئۇ ئەسلىدىكى فۇنكسىيەلىك تارماقلاردا ھوقۇق تۇراقلىشىپ قېلىش ھادىسىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر تارماق كۆپ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش، بىر ئىش ئورنىدا كۆپ ئىش ئورنىنىڭ ئىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش خىزمىتىنى «فىزىكىلىق بىرىكتۈرۈش» ئاساسىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
رايون ھالقىپ ھەمكارلىشىپ، بىر ئىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىلدى
2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت - بانكا ھەمكارلىقى بويىچە ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمەت تور نۇقتىسىنىڭ يوپۇقى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ بورتالا شەھىرى ئىتتىپاق يولى تارماق بانكىسىدا ئېچىلدى. شۇ كۈنى، بورتالا شەھىرى جىلى قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىجارىگە بېرىش تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لۈ گاڭ نەق مەيداندا تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالدى، ئەمدى ئۇ قايتا - قايتا بارمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، بانكا، پوچتا ۋە مەھەللە تور نۇقتىلىرىدا تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى تىزىمغا ئېلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىش ئاللىقاچان يېڭى ئىش بولماي قالدى.
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرلىرى يېتەكچى مۇندەرىجىسى (2023 - يىل نۇسخىسى)» (يېزا - بازار <كوچا باشقارمىسى>غا چېتىلىدىغان ئىش تۈرلىرى 63، كەنت دەرىجىلىكنىڭ 30، مەھەللىنىڭ 32)گە ئاساسەن، ئامما دائىم بېجىرىدىغان ھەمدە ئاساسىي قاتلام ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلالايدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى ھاۋالە بويىچە قوبۇل قىلىش، ھوقۇق بېرىپ بېجىرىش، ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى(پونكىتى)نىڭ بېجىرىشىگە چۈشۈرۈپ بېرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىپ ئۈستىگە ئېلىشنىڭ مەشغۇلاتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق «بىر ئىشىكتىن كىرىش، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش» قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە ئارقا - ئارقىدىن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «بىر ئىشىكتىن كىرىش»تىن «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش»قىچە، «كۆرۈشمەسلىك»تىن «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»كىچە، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى بۇرمىسىمان ئۆرلەتتى.
بۇ يىل 1 - ئايدا، گوۋۇيۈەن «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، <بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش>كە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ يۇغۇرما ئۈنۈمىنى نامايان قىلىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۈنۈمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەندىكى، ياخشى بېجىرىش، ئاسان بېجىرىشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
شىنجاڭ «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»نىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە دائىرىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرۈنۈشلۈك ئەمەلىي پايدىلىنىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەسىراتنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، نامىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، ماركىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىدۇ.