شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنى يېپىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 54 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدا سولياۋ يوپۇق ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتات بازىسىنى قوغداش نىزامى> قاتارلىق ئۈچ يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <چۆچەك شەھىرىنىڭ چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» «سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى» «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش نىزامى» «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» «يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» «تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا يەنە كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يىغىندىن كېيىن، «يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى» مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق ماس قەدەمدە ئۆگەندى.
3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەرنى بېكىتتى.