− شىنجاڭ گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋېي يۇڭگۇي، رايىدە
باھار نۇرىغا چۆمۈلگەن چېچەك سەيلىسى پەسلىدە، شىنجاڭدا گۈللەر ئېچىلىپ خۇش پۇراق چاچتى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، «شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار» تۇرپان ئويمانلىقى توقسۇن 7 - نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردا چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادى كۈنسېرى جانلاندى: پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى شىنجاڭ قەشقەر «پامىر ساداسى» مىللەتلەر مۇزىكا بايرىمى ھەم ئېگىزلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزدى، ئىلى چېچەك سەيلىسى قىلىدىغان سەرخىل لىنىيەنى يولغا قويدى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024 - يىللىق چېچەك پەسلى ساياھىتى باشلاندى... ئەتىيازدىن كۈزگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار گۈلنى ۋاسىتە قىلىپ، تۈرلۈك بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەدرىجىي قانات يايدۇرىدۇ.
چېچەك سەيلىسى ئىقتىسادىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى تېز بولدى. ھەرقايسى جايلاردىكى پارنىكلاردا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ھۆسن قوشماقتا؛ ئەتىياز، ياز، كۈزدىن ئىبارەت ئۈچ پەسىلدە ئۈستىقۇددۇس، قىزىلگۈل، سەبدەگۈل، زاراڭزا، شۆجۈ قاتارلىقلار بەس - بەستە ئېچىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ ئېتىزلاردىكى گۈل دېڭىزلىرى ئەتراپقا خۇش پۇراق چېچىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرمەكتە؛ ئېچىۋېتىش پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، گۈل - گىياھ ئېكسپورتى يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشماقتا.
ھازىر، شىنجاڭدا گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش كۆلىمى 400 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، يېمەكلىك، دورا، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان گۈل - گىياھ ھەم مەنزىرە كۆچىتى قاتارلىق كۆپ خىل سورتلار تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كۆلەملىك تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى موتورىغا ئايلانماقتا.
2023 - يىلى 8 - ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى «شىنجاڭ گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، 2035 - يىلىغىچە بولغان تەرەققىيات نىشانى ۋە يولغا قويۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم دىققەتنى گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەۋزەللىك ۋە كەمتۈكلۈككە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھ كەسپى بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان يىلنى كۈتۈۋالدى.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ھەممە يەردە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى
ئالتاي تېغى، تىيانشان تېغىدىن كوئېنلۇن تېغى، پامىر ئېگىزلىكىگىچە، مەيلى قار - مۇز بىلەن قاپلانغان پارنىكلاردىكى گۈل - گىياھلار بولسۇن، ياكى تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىدە كەڭ ئېتىزلارنى قاپلىغان گۈل دېڭىزى بولسۇن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ بىر يارقىن گۈزەل مەنزىرىسى ھېسابلىنىدۇ.
«بىز بۇ يەردە يېتىشتۈرگەن كەترەن، خۇديېلەن، تۈگمە گۈل، يەنە چايگۈلى، كاككۇكگۈلى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.» 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ جىنگو بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى شىنلەن گۈلخانىسىنىڭ پارنىكىدا، بۇ جاينىڭ مەسئۇلى فەن خەنمېي مۇنداق تونۇشتۇردى: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ كەڭلىك گىرادۇسى تۆۋەن، ئەتىياز بالدۇر كېلىدۇ، پارنىكتا گۈل ئۆستۈرگەندە ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بۇ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ ياخشى يولى.
دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، گۈل - گىياھ كەسپى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. ئېگىز ھەم سوغۇق رايونغا جايلاشقان ئالتاي شەھىرىنىڭ لاستى يېزىسىدا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كىرگۈزگەن تېخنىكا كوللېكتىپى ئىككى يىل جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى قۇرۇپ چىقتى. باغچە رايونىدىكى زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنىڭ كۆلىمى 3500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەسلىدە جەنۇبىي رايوندىن چىقىدىغان تۈرلۈك گۈل - گىياھ، كۆچەتلەر كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. جىلىندىن كەلگەن تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ما شۇاڭشەن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئېگىز ھەم سوغۇق رايونلاردىمۇ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ».
«پارنىك گۈللىرى»نىڭ خۇش پۇرىقى ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىقنى قاپلىدى، گۈل دېڭىزى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. كۆپ يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قىزىلگۈل، ئۈستىقۇددۇس، پىگمېنتلىق سەبدەرگۈل، زاراڭزا، شۆجۈ قاتارلىق گۈل - گىياھلىرى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئۆستۈرۈلدى، ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە، ھەرقايسى جايلاردىكى گۈل دېڭىزلىرى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق گۈل - گىياھ كەسپىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «پىكىر»دىكى تەلەپ بويىچە، 2025 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھ كەسپىدە بىرلا خىل ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مۇلازىمەت يۇغۇرۇلغان تىپقا قاراپ ئۆزگىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇكەممەل بولغان سورتتا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، بازار ئوبوروتى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ۋە گۈل مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سىستېما تەدرىجىي ئورنىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھ داڭلىق ماركىسى يارىتىلىدۇ. گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئاساسىي جەھەتتىن 400 مىڭ مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ ماس تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، گۈل - گىياھ ئۇرۇقچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گۈل مەدەنىيىتى كۈندىن - كۈنگە گۈللەندۈرۈلۈپ، گۈل - گىياھ ئېكسپورتى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلىپ، مۇكەممەل گۈل - گىياھ كەسپى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، تىرىشىپ يىللىق سېتىش سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ.
زەنجىر توپ شەكىللەندۈردى، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار
«گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل - گىياھ كەسىپلەر باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شياۋمىڭ.
قۇتۇبى ناھىيەسى كۆچەت، گۈل - گىياھ كەسىپلەر باغچىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچەت، گۈل - گىياھنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان بىردىنبىر باغچە رايونى. سانجى ئوبلاستىدا قۇتۇبى ناھىيەسى كەسىپ باشلامچىسى قىلىنىپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كۆچەت، گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈش كەسىپ كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى.
«2018 - يىلىلا، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۆچەت، گۈل - گىياھ كەسپىدە مايسا، گۈل - گىياھ كەسىپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلدى.» ۋاڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: ئالتە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، «مايسا، گۈل - گىياھ كەسىپلەر ئىتتىپاقى»نىڭ يۈرۈشۈشى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، بۈگۈنكى كۈندە ئىتتىپاقنىڭ يادرولۇق ئەزالىرى بىرلىكتە شىنجاڭ چاڭمياۋليەن ئېكولوگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئىتتىپاقتىكى ھەرقايسى كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كۈچىنى توپلاپ، گۈل - گىياھ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
مەنزىرە گۈل - گىياھلىرىدىن باشقا، سالا ئېتىز گۈل - گىياھ كەسپىنىڭمۇ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى، بۇ ئاساسلىقى ئىنچىكە پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇزىرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت يۆلەش ھەم سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقى زورايتىلىپ، قىزىلگۈل، ئۈستىقۇددۇس، پىگمېنتلىق سەبدەرگۈل، زاراڭزا، شۆجۈ قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلىنىدىغان گۈل - گىياھلارنى پىششىقلاش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاش ساھەسى كېڭەيتىلىپ، گۈل - گىياھ كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىدۇ.
خوتەن ۋىلايىتىدە قىزىلگۈل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى مۇقىم تەرەققىي قىلدى. خوتەن شەھىرى، كېرىيە ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا قىزىلگۈل يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈشتىن سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. 2023 - يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 55 مىڭ 500 مو، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 12 مىڭ 600 توننا، قىزىلگۈل كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 189 مىليون يۈەن بولدى.
«بىز قىزىلگۈل كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، خوتەن قىزىلگۈلىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يەن يۇڭجۈن.
ئىلى دەرياسى ۋادىسى فىرانسىيەنىڭ پىروۋېنسى، ياپونىيەنىڭ بېيخەيداۋ بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش رايونى دەپ ئاتىلىدۇ، ئوبلاست بويىچە ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش كۆلىمى 80 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، خام ئەشيا ئۆستۈرۈش، جەۋھەر ماي ئايرىۋېلىش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش - پىششىقلاش، ئىستىراھەت، سەيلە - ساياھەت، يېزا - كەنت ساياھىتى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈستىقۇددۇس كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈلدى. ئۈستىقۇددۇسنىڭ قۇرۇق گۈل، جەۋھەر ماي، گۈل سۈيى، گۈل شىرنىسى، ساپ مەلھەم، ھەسەل، تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازار ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.
تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ زاراڭزا كەسپىنىڭ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ بىرقانچە يىلدا چاغانتوقاي ناھىيەسى زاراڭزىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسىدىن 30 نەچچىنى كىرگۈزۈپ، زاراڭزا كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئون نەچچىنى قۇردى. «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زاراڭزا ئۆستۈرۈش - پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. چاغانتوقاي زاراڭزىسى بىردىنلا زاراڭزا يېغى، زاراڭزا چېيى، زاراڭزا ھەسىلى، زاراڭزا ئاچچىقسۈيى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتقا ئۆزگەردى. 2023 - يىلى، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ زاراڭزا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 300 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئۆزگەرگىنى پەقەت زاراڭزىلا ئەمەس، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مو يەردىكى سەبدەرگۈل، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئېگىزلىك شۆجۈسى... كەڭ يېزا - كەنتلەرگە گۈللىنىش ھاياتىي كۈچى قوشتى.
سېتىشقا كۈچ سەرپ قىلىندى، پۇرسەت كۈتۈۋېلىندى
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈل، مەنزىرە گۈلىنىڭ تېرمىناللاردىكى سېتىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئائىلە ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى ئاشقان.» 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنچاڭ يولىدىكى شىنجاڭ مىڭجۇ گۈل - گىياھ بازىرى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، گۈل - گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ جايغا كەلگەنىدى. بازار ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن شېڭلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مىڭجۇ گۈل - گىياھ بازىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ گۈل - گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى توپ، پارچە سېتىش بازىرى بولۇپ، 600دىن ئارتۇق تىجارەتچى بار، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن، شىنجاڭنىڭ كىلىمات شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان تۈرلۈك گۈل - گىياھلارنىڭ تۈرى تولۇق، شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈل، مەنزىرە گۈللىرى بازاردا خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
مەھسۇلات سېتىش تېرمىنالى كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ بارومېتىرى. «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بازار ئوبوروت سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىق گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلاردا ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىقتىدارى تولۇق ۋە قولاي، تېز بولغان بىر تۈركۈم سودا سورۇنى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئەتراپتىكى دۆلەت بازارلىرى بىلەن تۇتاشقان قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە كارخانىلاشتۇرۇلۇپ يۈرۈشتۈرۈلىدىغان گۈل - گىياھ سېتىش تورى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىچكى بازارنى ئىگىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى دۆلەت بازارلىرى يەنىمۇ ئېچىلىپ، گۈل - گىياھ ئېكسپورت نىسبىتى تەدرىجىي ئاشۇرۇلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ تەلەپلەر بويىچە كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھلىرىنى سېتىش ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىچى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن ئىبارەت ئىككى بازارغا يۈزلەندۈرۈلىدۇ. خۇشاللىنارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى بازارنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈل - گىياھ كەسپى، بولۇپمۇ شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈل، مەنزىرە گۈلىنىڭ كۆلىمى، ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان 60 مىڭ تال «گاۋيۈەنخۇڭ» شەكىل چىقىرىلغان يېڭى قىزىلگۈل ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلغاندىن كېيىن قىرغىزىستانغا سېتىلدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىشى، شۇنداقلا جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈلنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى.
بۇ بىر تۈركۈم شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈللەرنى شىنجاڭ بەييۈ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈپ ئىشلەپچىقارغان. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، شەكىل چىقىرىلغان يېڭى گۈلنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالدى، «بىز شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەستىقلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ شەرق شامىلىغا تايىنىپ، گۈل - گىياھ ئېكسپورتىنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ تۆھپە قوشىمىز».